تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئىجادىيەت ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئىككى شېئىر(ئەخەت ئابدۇرېھىم)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئىككى شېئىر(ئەخەت ئابدۇرېھىم)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14046
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 314
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
ئىككى شېئىر
ئەخەت ئابدۇرېھىم



مېھىرلىك زوراۋانلىق

گەج سۇۋاقلىق ئاپئاق تېمىمدىن
بىر ئۆمۈچۈك چۈشتى يۈگۈرۈپ.
ئىلاھىم! كەلمىگەيسەن قېشىمغا، دېدىم،
بولغانتىم بىر شۇملۇقنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ.

گويا ماڭا ئاشىق كەبى ئۇ
كەلدى مېنى ئۇدۇللاپ شۇئان.
ئۇنداق قىلماقچى ئەمەستىم ئەسلى،
... پۇتۇم ئاستىدا بەردى بىردىن جان.

ساراڭلاردەك ۋارقىراپ كەتتىم:
 ھەي! كەلمە دېمىدىممۇ، كەلمە دېمىدىممۇ؟!
ئەمما، بولغۇلۇق بولۇپ بولغانتى
ئۆمۈچۈك بولسىمۇ، يارىم بولسىمۇ...

سۇنغان نۇر

قارىساملا كۆرۈشۈم مۇمكىن
ئانا يەرنى، تاشنى، دەرەخنى...
قارىساملا ھەربىر نەرسىگە
ھېس قىلىمەن، سۈزۈك يېيىلغان ئەخەتنى...
يارىلىش قىسمىتىدە تەقدىر بىرلىكى
ھەربىر نەرسىگە بەردى سۆيگۈمنى.
تاش،
تاشلار ئارىسىدا ياشاۋېتىپ
ئىنسان توپىدىن كۆزەتتى مېنى.
ئىنسان توپىدىن كۆزىتىلدىم
كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ھەربىر نەرسىگە.
بەلكىم ئۇلار مېنى كۆرۈپ
تاس قالغاندۇر يىغلىۋېتىشكە...
يارىلىش قىسمىتىدە تەقدىر بىرلىكى
كەلتۈردى ئېھتىمال بىزنى بىر ئويغا.
ئاجىزمەن
ئاجىزلىق ۋەجىدىن يىغلاي
دەپ تۇرسام، يىغلىماق بولىدۇ ئۇلار!
قارىساملا كۆرۈشۈم مۇمكىن
ئۆز-ئۆزۈمدىن باشقا ھەممىنى.
گويا ئۇلار پارچامدەك
يىغا تۇتۇپ كېتىدۇ مېنى...


مۇھىم خەتكۈچلەر : ئەخەت ئابدۇرېھىم , ئىككى شېئىر
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-5 7:15:42 باھا : 0 كۆزىتىش : 4
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证