تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان(ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17374
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان(ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل)

    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان
    ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل


    دېرىزەم سىرتىدا

    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئاسمان،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ ئاسمىنىم.
    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ ئارمىنىم.

    دېرىزەم سىرتىدا تەنھا بىر يۇلتۇز،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ يۇلتۇزۇم.
    دېرىزەم سىرتىدا بۇلۇتلۇق كۈندۈز،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ كۈندۈزۈم.

    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئاسمان،
    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان.

    ئوتتۇز ياش

    ئوتتۇز ياش كۆز قىسىپ قالدى بىزلەرگە،
    تۈگىگەن ئېھتىمال يېرىم ئۆمرىمىز.
    باشقىچە ئىدىغۇ بالىلىق ئارمان،
    قۇپقۇرۇق تۇرمامدۇ ئۆمۈر بېغىمىز.

    مەن دېدىم: ئۇزۇنغا سوزۇلغان چۈشتەك،
    ئوتتۇز يىل تىزگىنلەپ ئۆتۈپتۇ چوڭلار.
    سەن دېدىڭ: ئەقلىمىز، ئەركىمىز باردا،
    كېچىككەن بولساقمۇ كۈلسۇن ئارمانلار.

    بەخت ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

    بەخت ئەمەس ئۇرغۇپ تۇرغان ياش تالانت،
    بەخت ئەمەس گۈلگە تولغان كەڭ قۇچاق.
    بەخت ئەمەس ھەتتا تاتلىق ۋىسالمۇ،
    بەخت ئەمەس...
    ئەمما بۇلار قالار ئاڭا ئوخشاپراق،
    بەخت دېگەن ھەر تۇيغۇدا بار شۇنداق.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل , دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-5 7:08:57
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 147
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证