تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› سەھرادىكى پاتىمە(پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17079
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 879
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەھرادىكى پاتىمە(پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ)

    سەھرادىكى پاتىمە(ئۇستاز ئوسمانجان ساۋۇت ئىزىدىن)
    پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ



    سىنچاينى دوستلارغا تۇتۇپ خىرامان،
    ئۆزۈم دەرد-ئەلەمنى چاي دەپ يۇتقاندا.
    چاڭقىتتى پىتنىخور سۆزلىرى يامان،
    سۇ ئۈچۈن قۇملۇقنى خۇمار تۇتقاندا.
    سولىماق نە ئۈچۈن قەپەسكە راھمان—
    شاتۇتنى، ئاۋازى دىلنى ئۇتقاندا.


    يېتىنچان بىر قىزمەن بولساممۇ سەبىي،
    ۋە گۈزەل قىياپەت مەندە مۇجەسسەم.
    كور كىشى پۇتلاشقان تاشگۆھەر كەبى،
    موھتاجقا موھتاجمەن موھتاجدىنمۇ ھەم.
    جەننەتكە موھتاجدۇر مۇقەررەر نەبى،
    ۋاي توۋا جەننەتنى تىلەيدۇ تادەم.1



    نىھايەت بەك غېرىب بۇ تۇرقى-تەقىم،
    سۆيگىنى دەرياغا غەرق زۆھرەدەك.
    يىغلاشقا، باتناشقا ئاھ نېمە ھەققىم،
    نىشانسىز سەكرىگەن يېتىم ئوقيادەك.
    بۇ قاتتىق بوينۇمدا سۇنماسمۇ تەۋقىم،2
    بوپقالسام باي يىغقان ساختا دۇنيادەك.


    پەردازسىز چىرايىم  ھەم بۇدۇرىسى يوق،
    سىغامدۇ كۆزۈڭگە دوپپىلىق بېشىم.
    ئەخلاقىم بۇزالماي شاللاق قىلسا دوق،
    ئىلىنغاي پۇتىغا چۇماق بوپ تېشىم.
    غاجاشقا سۆڭەك بار، بولمىغاچقا لوق،
    دەرياغا ئايلاندى كەڭ سايدا يېشىم.


    ①تادەم — ئۈمرىنىڭ ئاخىرغىچە.
    ②تەۋق — بويۇنتۇرۇق، كىشەن.


    جانىجان جان، ئاكاجان قېرىندىشىم

    (بۇ شېئىرىمنى ھەمشىرىلىرىنى ئاسرىغۇچى ئاكىلارغا، ئاق كۆڭۈل، مەرد يىگىتلەرگە ھۆرمەت بىلەن تۇتىمەن)

    چېگراسىز كۆڭۈلدە چېگراسىز دالا،①
    ئۆزئارا پاسپورتسىز قاتنايمىز دائىم.
    مەن خۇددى ئەززادەك ئوماق بىر بالا،
    سەن مەندىن ئەنسىرەپ يەيسەن كۆپ ۋايىم.
    چىمەننى سۆيىدۇ ئىللىق نۇر-تالا،
    نا ئۇستا ئوۋچىدىن ساقلا خۇدايىم.
    بولسا گەر يولۇچى كۆڭلىدە ئالا،
    ئۇچرىماس خەزىنە، بابەد دۇئايىم.
    جانىجان جان ئاكا، جان قېرىندىشىم،
    مېھرىڭگە دەريا بوپ قۇيۇلدى يېشىم.


    سەن ئۇندا، مەن مۇندا سۆھبەت قىپ ئۇزاق،
    سائەتنىڭ تىلىدەك چىقارماي ئاۋاز.
    ھۇجرامغا جىمجىتلىق قۇرىدۇ توزاق،
    ھەم يوچۇن ئاڭلىنار ماڭا ناخشا-ساز.
    كاككۇكنىڭ مەيلىنى تارتقاندا ئازراق،
    بىلىنەر قىش ئاڭا بەلكى باھار-ياز.
    (مالخايلىق پادىچى قىرغىزمۇ، قازاق؟)
    ئۇندىكى خۇشلۇقمۇ پاقلاندىكى ناز.
    جانىجان جان ئاكا، جان قېرىندىشىم،
    مېھرىڭگە دەريا بوپ قۇيۇلدى يېشىم.


    بۇ چەكلىك ئۆمرۈڭدە چەكسىز ساۋابنى،
    ئىزدەيسەن ھەممىگە تىلەپ ئاسايىش.
    شاھ مەشرەپ كۈيىگە چالساڭ راۋابنى،
    ئىشتىياق ئوتىغا پۇركەندى جۇت قىش.
    باغرىمنى ئوچاق قىپ ياقساڭ كاۋاپنى،
    پىراقسىز يۈرگەنلەر تولدۇردى ئىدىش.
    ئادەمنى دەرد يەر دەپ بەرسەڭ جاۋابنى،
    ئادەمخور ئادەمگە تېپىلمايدۇ ئىش.
    جانىجان جان ئاكا، جان قېرىندىشىم،
    مېھرىڭگە دەريا بوپ قۇيۇلدى يېشىم.


    چەكسىز دەرد-ئازابقا بولىمەن رازى،
    تۇيۇقسىز ئامەتتىن ۋەھىمە يەيمەن.
    مېكىياننى ئالدايدۇ تۈلكىنىڭ نازى،
    مەن سېنى جادۇدىن ساقلانسا دەيمەن.
    جانىجان جان ئاكا، جان قېرىندىشىم،
    مېھرىڭگە دەريا بوپ قۇيۇلدى يېشىم.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ , سەھرادىكى پاتىمە , ئوسمانجان ساۋۇت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-5 5:34:21
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 118
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证