تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17510
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    سۆيگۈ ناخشىسى(سەبىخە)

    سۆيگۈ ناخشىسى
    سەبىخە



    سەن بىر كىتاب - بىر پارچە شېئىر
    بىلمىدىم قانداق ئوقۇپ چۈشىنىشنى
    بىلمىدىم قانداق چۈشەندىڭ مېنى
    ئىچكى ئالىمىمدىن بۇلدۇقلاپ چىققان
    بۇلاق سۈيىدەك مۇھەببىتىمنى؟
    خىيال
    ئۈمىد
    ئارزۇ - ئىستەكلەر
    تېرىكتەك ئۈمىدمۇ تەسەللى ماڭا
    كەلمەيسەن ئامرىقىم يېنىمغا نېچۈن ،
    قىلغانچە قەپەزنى چېقىپ كومپەيكۇم؟!
    نېمىشقا باغرىڭغا باسمايسەن مېنى؟
    بىلسەڭ ، سەندىن كۈتەتتىم شۇنى!
    نېمە ئۈچۈنكىن بىلمىدىم پەقەت
    نېمىشقا كۆيىمەن  كۆيىسەن ماڭا؟

    باشلاپ كېتەر مېنى بىر تۇيغۇ
    قاراڭغۇ زۇلمەتلىك كېچىلەر تامان
    ئەڭ يېقىن  ئەڭ يىراق ئاشۇ مەنزىلگە!
    تۇيغۇمدا سەن بىلەن قىلساممۇ پەرۋاز
    سۆيەلمەيمەن ئوڭۇمدا سېنى
    بارالمايمەن ئۇچۇپ ئالدىڭغا
    تۇرىمەن تەلمۈرۈپ ، قىسىپ بوينۇمنى
    چۈنكى مەن تېخىچە قەپەزدىكى قۇش
    قانىتىم تۇرۇقلۇق ئۇچۇپ باقمىدىم
    قەلبىمنى ئىزھار قىپ سايراپ باقمىغان
    چەكلىنەر بەزىدە ھال ئېيتىپ ئايغا
    ۋە ياكى يۇلتۇزغا قاراشلىرىممۇ
    چۈشەنمەس ، ئاھ ، مېنى سېنىڭدىن باشقا
    شۇنچە كەڭ ئالەمدە ھېچقانداق ئادەم
    كېچىمەن ھەممىدىن ۋىسالىڭ ئۈچۈن
    چاقىمەن قەپەزنى  تەشۋىش تورىنى
    ماڭىمەن يول ئېچىپ سۆيگۈ دەشتىدە
    سەن بولغاچ نەقىلسۇن مېنىڭدە قورقۇش
    كىرىمەن ۋىسال دەپ دوزاخقا - جەڭگە .
    ئامرىقىم سەن مېنى سۆيسەڭ دىلىڭدىن
    ئاڭلاپ قوي ، مىڭ جېنىم تەسەددۇق ساڭا
    خوپ دەيمەن باشلىساڭ ۋەيلۇنغا مېنى
    ئاشىمەن قىرلاردىن داۋانلاردىن ھەم
    يەكلىسە ئادەملەر پەرۋايىم پەلەك
    كۇپايە بىرلا سەن چۈشەنسەڭ مېنى!
    ئادەملەر يەكلىسە مەيلى ئامرىقىم
    زېمىن قوغلىماس قوينىدىن بىزنى
    زېمىن بىز ئۈچۈن ئەڭ كەڭرى بارگاھ
    ئەڭ ساپ ، ئەڭ ئىللىق ، ئەڭ تىنچ ھوجرا!
    ئالىدۇ ئۇ بىزنى قوينىغا ھامان
    چاپىمەن سەن بىلەن بەختىمنى قوغلاپ
    سەن مىنگەن تۇلپارنىڭ بىر پۇتى بولۇپ
    سەن كۆرگەن گۈللەرنىڭ ياپرىقى بولۇپ
    ئوۋلىساڭ بولىمەن ئوماق توشقىنىڭ
    تەيياردۇر ئارمانىڭ مېنىڭ قولۇمدا
    قىلىمەن سەن ئۈچۈن ئاڭلا ئەي نىگار
    پايخان بوپ كەتسەممۇ توققۇزۇڭنى تەل!.. .



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سەبىخە , سۆيگۈ ناخشىسى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-5 5:26:50
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 214
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证