كېچىدىكى ھېكايە(ھېكايە)
تۇرغۇن مىجىت
بۇ يىلقى پاختا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ كۆپرەك پۇلغا يارىدى . باھاۋۇدۇننىڭ ئەر بولۇپ ، بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۆپ پۇلنى ساناپ بېقىشى تۇنجى قېتىم ئىدى . ئۇلارنىڭ قولىغا پۇل تېگىشى بىلەن ، يازىچە تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى ئۇنتۇپ ، ئۆزلىرىنى ھاردۇقى بىراقلا چىقىپ كەتكەندەك ھېس قىلىشتى.
باھاۋۇدۇن شۇ خۇشاللىقىدا ئايالىنى ئاشىانىغا باشلاپ كىرىپ ، تازا بىر پەيزى قىلماقچى بولدى ، ئەمما ئايالى قوشۇلمىدى.
— بولدىلا،— دېدى ئايالى ئېرىنى توسۇپ،— بالىلارغا قىسىنىپ قالىدىكەنمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىزغا ئۇياندىن پۇل كىرىپ بولغۇچە ، بۇياندىن چوڭچىلىق قىلغىلى تۇرساقمۇ قاملاشماس.
— نېمىسى قاملاشمايدۇ ، يازىچە جاپانى يەتكۈچە تارتتۇق ، ئەمدى ئاز-تولا ھالاۋىتىنى كۆرسەك نېمە يامىنى.
— ئۇنداق بولسا ئازراق گۆش ئېلىۋالايلى ، ئۆيگە بېرىپ تاماقنى ئۆزۈم ئېتەي ، ھالاۋەتنى بالىلار بىلەن تەڭ سۈرسەك ياخشى ئەمەسمۇ.
باھاۋۇدۇن ئايالىنىڭ بۇ ئورۇنلۇق تەكلىپىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدى.
ئۇلار ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە خېلىلا كېچە بولۇپ قالغانىدى . ئەتىگەندىن بېرى پاختا ساتىمىز دەپ پالاقلاپ يۈرۈپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن باھاۋۇدۇن ، ئۆيگە كىرىپلا كۆرپە ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىۋەتتى . زەينەپخان بولسا ھارغىنىغا قارىماي تاماققا تۇتۇش قىلدى.
ئاياللارنىڭ جېنى تۆمۈرمىكىن تاڭ ، ئېتىزدا ئېرى بىلەن تەڭ بىر كۈن جاپالىق ئىشلەيدۇ ، ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە بولسا يەنە ھارغىنىغا قارىماي تاماق ئېتىۋاتقان ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ، بىردەم بىكار تۇرمايدۇ . ئەكسىچە ئەر كىشى بولسا ئىشتىن كېلىپ خۇددى تاغنى ئۆرىۋەتكەندەك ، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ . ھەتتا چېلەكتىن بىر نوگاي سوغۇق سۇنى ئېلىپ ئىچىشكىمۇ ئېرىنىپ ئايالىنى بۇيرۇيدىغان گەپ ، گويا ئايالىنىڭ ئەتىگەندىن بېرى ئېتىزدا ئۆزى بىلەن بىرگە ئىشلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك.
قازان بېشىدا سەكپارە بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئايالىغا قاراپ ، شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن باھاۋۇدۇن ، بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ بۇ جاپاكەش ، مېھرىبان ئايالىغا راستتىنلا ئىچى ئاغرىپ قالغانىدى . ئايالى ئۇنىڭ كۆزىگە شۇ تاپتا تولىمۇ لاتاپەتلىك ، يېقىملىق كۆرۈنۈپ ، ئۇنى سەل ھاياجانلاندۇرۇپ قويدى . ئۇ ئۈن-تىنسىز ئوچاق ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ، ئوت قالاشقا باشلىدى.
— بۈگۈن نېمە بولدى سىلىگە؟ يا قورساق بەك ئېچىپ كەتتىمۇ؟
ئايالى ئۇنىڭدىكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشكە ھەم قىزىقسىنغان ، ھەم ھەيران قالغان ھالدا قاراپ قالغانىدى.
باھاۋۇدۇن ئايالىغا قاراپ ھىجاراپ كۈلۈپ قويدى.
— سىلىگە ياردەملەشكۈم كېلىپ شۇ...
— ۋاھ ، بىزنىڭ ئەرگە بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقىپ كەتكەندۇ؟ بولدى ئۆزۈم يېتىشەلەيمەن ، شۇنداق دېگەن كۆڭلۈڭلىگىمۇ كۆپ رەھمەت . بۈگۈن پاختا كۆتۈرۈپ بەك چارچاپ كەتتىڭلا ، تاماق پىشقۇچە بىردەم يېتىپ ئارام ئېلىۋېلىڭلا.
بۈگۈن ھەر ئىككىسىنىڭلا كەيپى چاغ ئىدى.
باھاۋۇدۇن ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ ، ئايالىنىڭ مىققىدە كەلگەن كۆكسىگە سۈركىلىپ كەتتى-دە ، تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى . ئۇ بىر خىل چاققانلىق بىلەن ئايالىنىڭ مۈرىسىدىن تۇتقىنىچە ، ئىسسىقتا قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىگە چىڭڭىدە سۆيۈۋالدى.
— ھەي ، يۈز-يۈز ، نېمىدېگەن قېلىن سىلە-ھە؟ بالىلار قاراپ تۇرسا...
بالىلار ئىچكىرىكى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى.
— بالىلار كۆرمەيدۇ.
— كۆرىدۇ ، بالا چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ شۇنداق قىلامدىغان.. . قېلىن.
باھاۋدۇن خۇشال ھالدا نېرى كەتتى.
زەينەپخان ئۆزىنىڭ چاققانلىقى بىلەن بىردەمدە تاماقنى تەييار قىلدى . ئەر-خوتۇن ، ئىككى بالا تۆت جان ئادەم بىر داستىخاندا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ يېيىلگەن كەچكى تاماق ، تومۇر-تومۇرلارغا سىڭىپ كەتكەنىدى . تاماقتىن كېيىن بالىلار ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قېلىشتى . باھاۋدۇن بىلەن زەينەپخان بولسا بۈگۈنكى مول ھوسۇل خۇشاللىقىدىن ھاياجانلىنىپ ، ئۇيقۇسى كەلمەي قالغانىدى.
باھاۋدۇن ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى.
— بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىم،— دېدى زەينەپخان ناز بىلەن.
— مەنمۇ شۇ ، ئەمما تاماقنى يەپلا ھاردۇغۇم چىقىپ كەتتى . ھازىر ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس.
— ئەمىسە...
— پەقەت مېنىڭ گېپىمنىلا ئاڭلايسىلە.
ئۇلار كىشىلىك ھاياتنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى . ئۇ يەر بارچە راھەت ، خۇشاللىق جەم بولغان بىر ماكان ئىدى . ئۇ يەردە پەقەت خۇشاللىقلا بار ئىدى . غەم ، تەشۋىش دېگەنلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ، ئۇ تولىمۇ گۈزەل بىر ئارال ئىدى . ئەتراپتا دېڭىز دولقۇنلىرى توختاۋسىز كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.
ئۇلار يەنە قايتىپ كەلدى . دېڭىز دولقۇنلىرى توختاپ ، ئەتراپ تىپتىنچ بولۇپ قالغانىدى.
— مېنىڭ يەنە ئۇيقۇم كەلمىدى،— دېدى باھاۋدۇن بىر كەمدە،— ئىچ-ئىچىمدىن بىر خۇشاللىق قايناپ تۇرىدۇ.
— يۈرىكىڭلا يېرىلىپ كەتمىسۇن يەنە.
— ئەگەر يېنىمدا سىلە بولمىغان بولساڭلا چوقۇم يېرىلىپ كەتكەن بولاتتى.
— يۈرىكىڭلىگە دەڭلا ، ئەمدى يېرىلمىسۇن.
— يېرىلمايدۇ . بۇ يۈرەك ئەمدى سىلىگىلا تەئەللۇق.
ئۇلار خېلىغىچە پاراڭلىشىپ ياتقان بولسىمۇ ، كۆزلىرىگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمىدى.
— مېنىڭ قورسىقىمغا مۇنداق بىر جىن كىرىۋېلىۋاتىدۇ،— دېدى باھاۋدۇن بىر چاغدا،— بىز توي قىلغىلى ئون نەچچە يىل بوپتۇ . سىلىغۇ ھازىرغىچە مېنىڭ كۆزۈمگە سىغمىغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىڭلا ، شۇنداقتىمۇ ئىنسان-دە ، بىلىپ-بىلمەي كېتىپ قالىدىغان گەپ . سىلىنىڭمۇ مەن بىلمەيدىغان ئىشلىرىڭلا باردۇر . ئەلۋەتتە بار ، بۇنى مەن ئۆزۈمگە قىياسەن شۇنداق دەۋاتىمەن . مەنمۇ سىرلىرىمنى سىلىگە ئېيتاي ، سىلىمۇ مەخپىي ئىشلىرىڭلا بولسا ئېيتىڭلا ، ئەمما ھەرگىز بىر-بىرىمىزگە تاپا-تەنە قىلمايلى.
— مېنىڭ نېمە ئىشلىرىم بولماقچىدى.
— يوقمۇ دېگىلى بولمايدۇ . مەسىلەن ، مېنىڭدىن يوشۇرۇن بىرەر ئەر بىلەن...
— ۋاي خۇدايىمەي ، نېمانداق گەپ بۇ ، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ ، بۇ گەپچە سىلىنىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
— ئەمدى ئىنسانچىلىقتا...
زەينەپخان بىردەم جىمىپ كەتتى.
— قېنى ، قانداق يوشۇرۇن تارىخىڭلا بار ، مەن ئاڭلاپ باقاي.
— ئەمما سىلىمۇ دەپ بېرىشىڭلا كېرەك.
— ئاۋۋال سىلىنىڭكىنى ئاڭلايلى.
— ماقۇل ، مەن سۆزلەي ، سىلىمۇ ئويلانغاچ تۇرۇڭلا.
— قۇلىقىم سىلىدە.
بۈگۈن ئاخشام ھامان ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ ، شۇڭا ئىشنى باشتىن سۆزلەي.
— تۇنجى مۇھەببەت تارىخىم 18-19 ياشلاردىكى ۋاقتىمدا باشلانغان . شۇ چاغلاردا ئۆزۈمدە قوشنىمىزنىڭ قىزى گۈلسۈمگە قارىتا غەلىتە بىر خىل سېزىمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغانىدىم . ئىككىمىز بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ، بىر-بىرىمىزنى سەنلەپ سۆزلىشەتتۇق . مەنمۇ ھەرقانداق گەپ بولسا ئۇنىڭغا دەۋېرەتتىم . ئەمما ھېلىقى سېزىم پەيدا بولغاندىن باشلاپ ، ئۇنى كۆرسەم تەمتىرەپ گېپىمنى تېپىپ قىلالمايدىغان ، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالسا قىزىرىپ ، ھودۇقۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم . ھەتتا ئۇنى سەنلەپ سۆزلەشتىن خىجىللىق ھېس قىلىدىغان بولدۇم . بىز مەھەللىدىكى بىر توپ تەڭ دېمەتلىك بالىلار ، ھەر كۈنى سەھەردە مەھەللىنىڭ ئايىغى تەرەپتىكى دەريا بويىغا كالا باققىلى باراتتۇق . گۈلسۈممۇ ئۆيىدىكى ئالا سىيىرنى ئېلىپ شۇ يەرگە باراتتى . بىز كالىلارنى يايلاققا قويۇۋېتىپ ، بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ ئوينايتتۇق . مەن ئەمدى نېمىشقىكىن گۈلسۈمگە بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم . پەقەت بالىلار قىزىق ئويناۋاتقاندا ، يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا يوشۇرۇنچە قارىۋالاتتىم . ئۇ بولسا سېھىرلىك تەبەسسۇمى بىلەن يۈرىكىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەتتى.
كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق ، ئۇنىڭ سىماھى ھەر كۈنى ئاخشىمى ھەر خىل قىياپەت بىلەن كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلبپ ، مېنى زادىلا ئۇخلاتمايتتى . مەن ئاخىر ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . شۇنداقلا «مۇھەببەت»تىن ئىبارەت بۇ كۆرۈنمەس تورغا ئورىلىپ قالغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم . تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك ھارارىتى مېنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىماقتا ئىدى . مەن كۆڭلۈمنى گۈلسۈمگە قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي گاڭگىراش ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتىم.
بىر كۈنى ئاپام تۇيۇقسىز ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . دادام سىرتنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى . مېنىڭ يا ھەدەم ، يا سىڭلىم بولمىغاچقا ، ئاپامغا ئاش-تاماق ئېتىپ ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى . مەن ئەمدى دەريا بويىغا كالا باققىلىمۇ بارالمايتتىم . كالا باققىلى بارالمىغاچقا ، گۈلسۈمنى قانغۇدەك كۆرەلمەي تېخىمۇ ئازابلاندىم . ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن رەشىدەم ھەدەم ئاپامنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ ، گۈلسۈمنى تاماق ئېتىپ بېرىشكە بىزنىڭ ئۆيگە كىرگۈزۈپتۇ . مەن گۈلسۈمنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتىم . ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ تاماق ئېتىپ بېرەتتى ، كالا باققىلىمۇ بارمايتتى.
بىر كۈنى ئاپامنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم:
— ئەگەر سىز بىزنىڭ ئۆيدە مەڭگۈ تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟!
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ماڭا لاپپىدە قارىدى . كۆزلىرىدىن چىققان بىر پارچە ئوت يۈرىكىمنى «پىژ» قىلىپ كۆيدۈردى . ئۇ دەرھال يەنە يەرگە قارىۋالدى . يۈزلىرى بولسا كەچكى شەپەقتەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.
— مەن يېقىندىن بېرى پەقەت سىزنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم گۈلسۈم ، كېچىلىرى سىزنى ئويلاپ كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.
ئۇ يەرگە قارىغىنىچە جىمجىت تۇراتتى.
— ئەگەر ھازىر قولۇمدىن كەلسە ، سىزنى مۇشۇ كىرگەن پېتى ئۆيدىن زادىلا چىقارمىغان بولسام...
— ھازىر چىقىپ كەتسەممۇ ، كېيىن يەنە كىرسەم ئوخشاش ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى.
— ئاھ ، جېنىم گۈلسۈم ، بۇ گېپىڭىز راستما؟ سىز ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولدىڭىزما؟
— بوشراق ۋارقىراڭ ، ھېلى خەيرىنسا ئاپام ئاڭلاپ قالسا خىجىللىقتا قالىمەن.
— مەيلى ، ئەمدى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورقمايمەن . سىزلا ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولسىڭىز ھېچنېمىدىن قورقمايمەن.
شۇنداق قىلىپ بىز بىردەمدە پۈتۈشۈۋالدۇق . شۇنىڭدىن باشلاپ قەلبىمنى تېخىمۇ شېرىن ، تېخىمۇ تاتلىق ھېسلار چۇلغىۋالدى.
مەن ئاپام ساقايغاندىن كېيىن ، بۇ ئىشنى ئاپامغا ئېيتماقچى بولدۇم . ئەمما «يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە ، بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك مەن شېرىن خىيال ئىلكىدە مەست بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئاپام كېسەلدىن ساقىيالماي قازا قىلىپ كەتتى . ئاپامنىڭ دەردىدە نەچچە كۈن يىغلاپ ساراڭ بولايلا دېدىم . نەچچە ۋاقىتتىن مۇھەببەتنىڭ ساراسىمى بىلەن كۆزگە ئۇيقۇ كەلمىگەن بولسا ، مانا ئەمدى ئاپامدىن ئايرىلىش ئازابىدا كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم . ئۇيقۇدىن قالغاننىڭ ئۈستىگە ، ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ تاماقتىن قالدىم . بۇ كۈنلەردە ماڭا پەقەت گۈلسۈملا ئاز-تولا تەسەللى بېرىپ تۇردى.
ئۆلگەنلەر ئۇنتۇلىدۇ ، تىرىكلەر ياشايدۇ . گەرچە ئاپامنى ئۇنتۇلۇپ كېتەلمىگەن بولساممۇ ، بارا-بارا بۇ ئازاب ، مۇسىبەتلەرگىمۇ كۆنۈپ قالدىم-دە ، ئۆزۈم توغرىسىدىمۇ ئاز-تولا ئويلاشقا باشلىدىم . ئەمما ئويلاش بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدىكەن . مېنىڭ دەردىمنى تىڭشايدىغان مېھرىبان ئانام ئۆلۈپ كەتتى ، دادام بولسا بىكار تۇرماي ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ، ئۇدۇللا كەتكەن بىر ئادەم . مېنىڭ ھالىمنى سورىغۇدەك ئەلپازى يوق . كۈنلىرىم يەنىلا غەم ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى.
شۇ كۈنلەردە گۈلسۈم بىلەنمۇ پاراڭلىشالمىدىم . پەقەت ئۇ يەر-بۇ يەردە غىل-پاللا كۆرۈپ قالىمەن.
بىر كۈنى كەچتە كەنت مۇدىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ، داستىخان كۆتۈرۈشكەن ھالدا گۈلسۈملەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ھەيران قالدىم . يا ئۇلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا ، بۈگۈن ئەجەب داستىخان كۆتۈرۈشۈپ قاپتا؟ ئەمما ئەتىسى ئۇلارنىڭ گۈلسۈمگە كەنت مۇدىرىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن داستىخان تاشلاپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . خىيالىمدا بولسا گۈلسۈمگە بولغان ئىشەنچىم زور ، خۇددى كىتابلاردىكىگە ئوخشاش ، ئۇ يا بۈگۈن ، يا ئەتە مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ ، دەل توي ئاخشىمى ئىككىمىز ئۇچرىشىپ ، يىراقلارغا كېتىشكە پۈتۈشىمىز ، دەپ ئويلايتتىم.
مەن شۇ خىيال بىلەن ئۇنى بىر كۈن ، ئىككى كۈن ، ھەتتا ئىككى ھەپتىمۇ ساقلىدىم . گۈلسۈم مېنى ئىزدەپ كەلمىدى . ھەتتا مەن بىلەن ئۇچرىشىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇردى.
بىر ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تويى بولدى . توي ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . تويدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خۇشال ھالدا بىرگە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، شۇنچىلىك ئازابلاندىمكى ، بۇ جاھاندا ياشىغۇم كەلمەيلا قالدى.
ئەمما يەنىلا ياشىدىم . ئۇ مېنى ئۈن-تىنسىزلا ئۇنتۇپ كەتكەنىدى . ھەتتا «مېنى كەچۈرۈڭ» دېيىشكىمۇ يارىمىدى.
ھېكايىنى ئاڭلاپ زەينەپخان ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى.
— ھەي ، بىچارە . سىزگە بەكلا ئۇۋال بوپتۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟
باھاۋۇدۇن ئايالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ، ئىلھاملىنىپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
مەن ئەمدى قىز بالا شۇنداق بولىدىغان بولسا ، بولدى قىز بالا ماڭغان كوچىغىمۇ قارىماسمەن دەپ ئويلىدىم . ئەمما كىم بىلسۇن ، ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتە-ئۆتمەي مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى قۇددۇس ئىمامنىڭ قىزى بۈۋىسارىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىچارە ئىدى . يەنە كېلىپ قۇددۇس ئىمامنىڭ مۇشۇ بىرلا قىزى بار ئىدى . ئۇ بۈۋىسارىنى بەك چىڭ تۇتاتتى ، سىرتلارغا كۆپ چىقارمايتتى . ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر ئۆرۈكلۈك بېغى بار بولۇپ ، مەن ئۆرۈك ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ باغقا كىرىپ ، بۈۋىسارە بىلەن چىقىشىپ قالغانىدىم . ئازراق بولسىمۇ مۇھەببەتلەشكەن بولغاچقا ، بۇ قېتىم بۈۋىسارىگە كۆپ تارتىنىپ يۈرمەيلا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلالىدىم.
مەن قۇددۇس ئىمامنى پايلاپ يۈرۈپ ، ئۇ مەسچىتكە چىقىپ كەتكەن ھامان ، قاشا تامدىن ئارتىلىپ باغقا چۈشەتتىم-دە ، بۈۋىسارە بىلەن ئۇچرىشاتتىم . باغدا ئۆرۈكلەر تۈگىدى ، ئەمما مەن يەنىلا كېلىۋەردىم . بىز خۇددى چاھار باغدىكى غېرىب بىلەن سەنەمگە ئوخشاش كۈنلىرىمىزنى تولىمۇ خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزمەكتە ئىدۇق.
سېنتەبىر ئايلىرى كىرىشى بىلەن باغنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى ئۇزۇن بىر بېشىدىن بىدىش ئۈزۈم خۇددى مەرۋايىتتەك جۇلالىنىپ ، پىشىشقا باشلىدى . بۈۋىسارەمۇ ئەمدى ئۈزۈم بېقىش باھانىسى بىلەن باغدىن ئايرىلمايدىغان بولدى . بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشالايدىغان بولدۇق.
بىر كۈنى بۈۋىسارە بىلەن ئىككىمىز ئۈزۈم بېدىشى ئاستىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇراتتۇق.
— ئەگەر بىزگە مەڭگۈ مۇشۇ باغدىن ئايرىلماي ياشاش نېسىپ بولغان بولسا-ھە؟ خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاش.
ئۇنىڭ ئاۋازىدا يۈرەكنى ئېزىدىغان بىر خىل مۇڭ بار ئىدى . ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا گۈلسۈمگە باشتا قىلغان گېپىمنى ئەسلىتىپ قويدى.
— ئەگەر بىزلا خالىساق چوقۇم نېسىپ بولىدۇ بۈۋىسارە،— دېدىم مەن ھاياجان بىلەن.
— ئەگەر بىز خالىغان بىلەن خۇدا نېسىپ قىلمىسا بىكار،— دېدى بۈۋىسارە ، ئىمامنىڭ قىزىغا خاس خاراكتېرى بىلەن،— تەقدىرىمىز قوشۇلمىسا بىز ھېچ ئامال قىلالمايمىز.
— ئۇنداق دېمەڭ ، تەقدىرىمىز قوشۇلۇپ قالار بۈۋىسارە.
مەن ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىكىلدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ بىر خىل ئوت ، ئاجايىپ بىر خىل ئوت ئۇچقۇنداپ تۇراتتى . مەن ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم . ئۇ تىپىرلىدى ، مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى ، مەن ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم ۋە چوغدەك لېۋىمنى ئۇنىڭ گىلاستەك ئوماق ، پاك لېۋىگە باستىم.
— ئۇنداق قىلماڭ جېنىم.. . گۇناھ بولىدۇ.. . مەن.. . مەن قورقىمەن.. . دادام بىلىپ قالسا پاچىقىمنى چېقىۋېتىدۇ . ماقۇل دەڭ ، مېنى قويۇۋېتىڭ.. . ھېلى دادام كېلىپ...
ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى . پەقەت ئوتلۇق بىر نەپەس يۈزلىرىمگە ئۇرۇلاتتى ، كۆيدۈرەتتى ، قانلىرىمنى قاينىتاتتى . مەن ئۆزۈمنى خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
بىز شۇ كۈنى بۈۋىسارەنىڭ ئېيتقىنى بويىچە گۇناھ قىلدۇق . بۇ تولىمۇ چوڭ ، شۇنداقلا تولىمۇ شەرەپلىك بىر «گۇناھ» ئىدى.
ئۈزۈم تۈگىگىچە كۈنلىرىمىز تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى . ئۈزۈم تۈگىگەندىن كېيىن قۇددۇس ئىمام بۈۋىسارەنى تاملىرى ئېگىز ، تۈرمىنىڭ سېپىلىغا ئوخشايدىغان كەڭ ھويلىسىغا بەنت قىلىۋالدى . ئۇ سىرتقا كەمدىن-كەم چىقاتتى . ھەتتا سۇنىمۇ قۇددۇس ئىمام ئۆزى ئەكىرىپ بېرەتتى . ئادەم بېشىغا كەلگەندە ھەممىنى قىلىدىكەن . مەن ھەر جۈمە كۈنى قۇددۇس ئىمام جۈمە نامىزىغا كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، بۇ قورغاننىڭ ئىچىگە چۈشەتتىم . بۈۋىسارەمۇ ھەر جۈمە كۈنى دەل شۇ ۋاقىتتا ھويلىسىدا مېنى ساقلايتتى.
بىر كۈنى ئالدىراشچىلىقتا قۇددۇس ئىمامنىڭ جۈمەگە كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە دىققەتمۇ قىلماستىن ، ھەتتا دەرۋازىغىمۇ قارىماستىن تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۈشۈپتىمەن . ھويلىغا ئەمدى چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا بۇلۇڭدىكى ئېغىلدىن چىقىپ كېلىۋاتقان قۇددۇس ئىمام مېنى كۆرۈپ قالدى . مەن ھويلىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغاچقا ، ئۇ سەل چۆچۈپ كەتكەنىدى.
— ھوي قانداق ئوغرى سەن ، كۈپكۈندۈزدە تامدىن ئارتىلىپ چۈشكەن؟ قىزىم بۈۋىسارە چاپسان بول ، ئۆيدىكى تۈۋرۈككە ئېسىپ قويغان چۇماقنى ئېلىپ چىق ، بۇنداق يۈرىكى يوغان ئوغرىنى كۆرمەپتىكەنمەن.
ئەھۋال تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى . نەگە قېچىشنىمۇ بىلمەيتتىم . قورقۇنچتىن پۇت-قوللىرىم كالۋالىشىپ كەتكەنىدى . مەن تام تۈۋىدە ھودۇققىنىمچە قېتىپ تۇراتتىم . قۇددۇس ئىمام مېنى تونۇپ قالدى.
— نىزام ئاخۇننىڭ ئوغلىغۇ سەن؟ نېمىدەپ تامدىن ئارتىلىپ يۈرىسەن؟
— مەن.. . مەن.. . مەن...
دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىققان بۈۋىسارە مېنى كۆرۈپلا قورققىنىدىن چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى.
— ئېيتساڭچۇ زادى ، نېمەڭ بار بۇ ئۆيدە؟ يا مېنىڭدە ئېلىشىڭ بارمىدى؟ ئېلىشىڭ بولسىمۇ ئىشىكتىن كىرمەمسەن؟
بوۋاي ۋارقىرغانچە ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىشكە باشلىدى . مەن ئاخىر بىر باھانە تاپتىم.
— كەپتىرىم.. . مېنىڭ بىر كەپتىرىم مۇشۇ ھويلىغا چۈشۈپ كېتىۋېدى ، شۇڭا...
— كەپتەر؟ نەدىكى كەپتەركەن ئۇ؟ كەپتىرىڭ چۈشۈپ كەتكەن بولسا دەرۋازىدىن كىرسەڭ بولمامدۇ ، سەنمۇ كەپتەرمۇ يا؟
— ئىمام دادا ، مېنى كەچۈرۈڭ ، مەن خاتا قىپتىمەن.
— مەن سېنى داداڭنىڭ قېشىغا ئېلىپ باراي ، ئۇ سېنى ياخشىراق ئەدەپلەپ قويمىسا بولماپتۇ.
قارىسام دەرۋازا ئىچىدىن تاقالمىغانىكەن ، غىپلا قىلىپ ئىمامنىڭ قولتۇقىدىن ئۆتتۈم-دە ، دەرۋازىغا قاراپ يۈگۈردۈم . قۇددۇس ئىمام ئارقامدىن «ھاي...» دېگىنىچە قېپقالدى . مەن شۇ قاچقىنىمچە ئۆيگىمۇ بارماستىن ، ئۇدۇل قوشنا كەنتتىكى بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ كەلدىم . ئۆيگە كەلسەم دادام ماڭا ھېچنېمە دېمىدى . قارىغاندا ئىمام ئاخۇنۇم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگەن ئوخشايدۇ . ئەمما مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۈۋىسارەنىڭ ئۆيىگە قورقۇپ زادىلا بارالمىدىم . پەقەت يىراقتىن شۇ ئۆيگە قاراپ ئاھ ئۇرىمەن.
مەن بۈۋىسارەنى دەسلەپكى كۈنلەردە يىراقتىن بىرنەچچە قېتىم كۆرگەندىن باشقا ، كېيىن زادىلا كۆرەلمىدىم . شۇنداق قىلىپ ئازاب ئىچىدە بىر قىشنى ئۆتكۈزدۈم . پەقەت ئەتىياز كىرگەندىلا ئاندىن بىرسىدىن بۈۋىسارەنىڭ قىشىچە كېسەل بولۇپ يېتىپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ، چىدىيالمايلا قالدىم.
بىر جۈمە كۈنلىكى قۇددۇس ئىمامنىڭ جۈمەگە كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ھويلىغا يەنە چۈشتۈم . بۈۋىسارە ئىچكىرىدىكى كىچىككىنە تۈڭلۈكى بار ، بىر قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز يېتىپتۇ.
ئۇ تولىمۇ ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ ، كۆز چاناقلىرى چوڭقۇر ئولتۇرۇشقان ، چىرايىدا قان دىدارى يوق ئىدى . دەسلەپتە كۆرۈپ ئۇنى تونۇيالماي قاپتىمەن . توۋا ، پەرىزاتتەك گۈزەل بىر قىز كېسەل سەۋەبى بىلەنلا مۇشۇنداق ھالدا كېلىپ قالسا-ھە؟ مەن بۈۋىسارەنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمنى تۇتالماستىن يىغلىۋەتتىم.
— ئاھ جېنىم بۈۋىسارەم ، مەن كەلدىم ، مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ بۈۋىسارەم.
ئۇ ئاستا مىدىرلىدى.
— كىم؟
ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ پەس ھەم زەئىپ ئىدى . مەن دەرھال ئۇنى يۆلەپ ، بېشىنى قۇچىقىمغا ئالدىم.
— مەن باھاۋۇدۇن ، سىزنىڭ باھاۋۇدۇنىڭىز ، يارىڭىز.
— با.. . باھاۋۇدۇن.. . بۇ سىزمۇ؟ مەن تېخى سىزنى مېنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
— ياق ، سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم . نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغۇدەكمەن.
— رەھمەت سىزگە ، باھاۋدۇن.
ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش تامچىلىرى پەيدا بولدى . مەن ئۇنىڭ پېشانىسىگە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بىلەن سۆيدۈم.
— بىزنىڭ بىرگە ئۆتۈشىمىزنى خۇدا نېسىپ قىلمىغان ئوخشايدۇ،— دېدى بۈۋىسارە تولىمۇ ئازابلىق بىر نىدا بىلەن،— مەن سىزگە ئېيتقانىدىمغۇ ، تەقدىر.. . تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ ، مەندىن رازى بولۇڭ.
— ياق ، بىز چوقۇم بىرگە ئۆتەلەيمىز ، سىز ساقايغاندىن كېيىن بىز توي قىلايلى.
مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم.
— تەقدىر ، تەقدىرىمىز قوشۇلماپتۇ.
مەن ئۇنىڭ يېنىدا خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇم . قۇددۇس ئىمامنىڭ ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغانىدى . مەن بۈۋىسارە بىلەن خوشلىشىپ ، يۈرىكىم قان ، كۆزلىرىم ياش ھالدا قايتىپ چىقتىم . ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ بۈۋىسارە ئۆلۈپ كەتتى . ئۇ بىر قورغاندىن قۇتۇلۇپ ، يەنە بىر بىر قورغاننىڭ ئىچىگە مەھكۇم بولغانىدى . ئۇنىڭ ياشلىق باھارى ئاشۇ زىندانغا ئوخشايدىغان ئېگىز تاملىق ، قاراڭغۇ ھويلىدا خاراب بولغانىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بۈۋىسارەنى خۇددى قۇددۇس ئىمام ئۆلتۈرۈپ قويغاندەك تۇيۇلۇپ ، بۇ قېرى زاھىدقا تولىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
بۈۋىسارەنىڭ دەردىنىمۇ بىرەر يىلچە تارتىپتىمەن . كېيىن سىلى بىلەن تونۇشۇپ ، تۇرمۇش قۇردۇم . ئازابىممۇ يەڭگىللىدى.
باھاۋۇدۇن ھېكايىسىنى توختىتىپ ، ئايالىنىڭ مىشىلداپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.
— يىغلاۋاتاسىلە نېمە؟
— ياق ، يىغلىمىدىم ، بۈۋىسارەمنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتىمەن.
باھاۋۇدۇن ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويۇپ جىمىپ قالدى.
— يەنە داۋامى باردۇ؟
— داۋامىغۇ بار ، بىراق...
— قېنى ، داۋامىنىمۇ ئاڭلايلى.
باھاۋدۇن ھېكايىسىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.
— سىلى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ، ئەمدى باشقا ئاياللارغا زادىلا قارىماسمەن دەپ ئويلىغانىدىم . بىراق مۇشۇ شەيتانزە.. . ئادەمنى ئازدۇرۇپ ، بىز توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىنغۇ دەيمەن ، سىلە چوڭ ئۆيگە بېرىپ بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ قالدىڭلا . مەن ئاياغ مەھەللىگە بىر ئىشقا بېرىپ ، قايتاشىمدا ئايزىمخان دېگەن سەتەڭ تۇل خوتۇننىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدىم . كونىلار «سەتەڭنىڭ ھىيلىسى تولا» دەپ توغرا ئېيتقانىكەن . ئۇ خوتۇننى ئادەم ئېتىپ سالام قىلىپ سالىمەنمۇ ، ھىجاراپ كۆزۈمگە كىرىپلىۋالدى . ئۆيگە كىرىڭ» دەيدۇ ، «خوش» دېسەم ، «كىرمەي تۇرۇپ قانداق خوش بولىدۇ» دەيدۇ . بىر ئەر بولغاندىكىن گەپكە كەلگەندە قاراپ تۇرغىلى بولمايدىكەن . مەنمۇ ئۇنىڭ گېپىگە قارىتا ، «كىرسە خۇش بولامتىڭىز؟» دېسەم ، «ئۆزىڭىزگە باغلىق» دەيدۇ . خۇش بولىدىغان ئىش بولسا قېنى ئۆيىڭىزگە باشلىمامسىز؟» دېدىم . «باشلىماي ئەمىسە ، سىزدەك يىگىتنى باشلىماي كىمنى باشلايتتىم ، خوتۇنىڭىزدىن قورقماي كېرەلىسىڭىز قېنى مەرھەمەت».
مەن خىيالىمدا «ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئادەم كىرىدۇ ، بۇ خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىرەر پىيالە چېيىنى ئىچىپ قويغاننىڭ نېمە يامىنى» دەپ ئويلىدىم-دە ، كۆڭلۈم تۈزلۈككە ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم . كىم بىلسۇن ، ئۆيىگە كىرىشىم بىلەن تەڭلا بۇ خوتۇن خۇددى قىسىرداپ كەتكەن ئىنەكتەك ئارقامدىن قۇچاقلاپ تۇتۇۋالدى ۋە بويۇنلىرىمنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يالاشقا باشلىدى.
— قويۇۋېتىڭ سەتلەشمەي ، يول ئۈستىدىكى ئۆي تۇرسا بۇ ، بىرەرسى كىرىپ قالسا.. . مەن دېگەن خوتۇنى بار ئادەم.
— مەيلى ، ھېچنېمىگە قارىمايمەن . مەن سىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈۋاتقىلى خېلى بولدى . مېنى ئېلىڭ دېمەيمەن ، پەقەت كۆڭلۈمنى خۇش قىلسىڭىزلا بولدى . بىر ئەرگە نەچچە خوتۇن راۋا دەيدىكەن . مەن سىزنى يەپ كەتمەيمەن ، خوتۇنىڭىزغىمۇ ئېشىپ قالىسىز تېخى.
ئامال بولمىدى . بىر ئايال كىشىنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ قالغان ھەرقانداق ئەر ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس . ئىش دەل شۇنداق بولدى . مەن خۇددى كىچىك ئېرىقتىكى سۇ تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كەلگەن كەلكۈن ئېقىنغا قوشۇلۇپ كەتكەندەك ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەتتىم.
مەن قايتىدىغان چاغدا ئۇ كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرغانچە سۇپىنىڭ قىرغىقىدا ئولتۇراتتى.
— يەنە كېلىڭ،— دېدى ئۇ بېلىمدىن بىلەكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ چىڭ قورۇپ تۇرۇپ،— مەن ئۇنداق چاندۇرۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس.
مەن بۇ يەردىن تېزرەك كېتىشكە ئالدىرايتتىم . كۆڭلۈمدە «سەن ئالۋاستى خوتۇننىڭ بوسۇغىسىغا ئىككىنچى قەدەم باسماسمەن» دەپ ئويلايتتىم . ئەمما «بارمايمەن دېگەن تۈگمەننىڭ ئالدىغا ئون قېتىم بېرىپتۇ» دېگەندەك بىر ئىش بولدى . ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى مەستلىكتە ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنە بېرىپتىمەن . «ئىتنىڭ كۆڭلى نەگە باشلايدۇ؟ دېسە كوداڭلىققا» دەيدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا . شۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ، ئۇ خوتۇننىڭ ئۆيىگە زادىلا بارمىدىم . ئۇ خوتۇنمۇ تولا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرالماي ئاخىر ۋاز كەچتى.
باھاۋۇدۇن گېپىنى توختىتىپ ، ئايالىنىڭ بىرنەرسە دېيىشىنى كۈتۈپ بىردەم تۇرۇۋالدى . ئايالى بولسا ئۇخلاپ قالغاندەك ئۈن-تىنسىز ياتاتتى.
— ئۇخلاپ قالدىڭلىما؟
— ياق ، ئۇخلاىمىدىم ، تازا قىزىق يېرىگە كەلگەن تۇرسىڭىز ، قانداقمۇ ئۇيقۇم كەلسۇن ، قېنى ئاخىرىنى داۋاملىق سۆزلەڭ.
باھاۋۇدۇن ئەسلىمىلەرگە بېرىلىپ كەتكەچكە ، ئايالىنىڭ تەلەپپۇزىدىكى كىنايە ئارىلاش ، رەنجىش ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلمىدى . ئۇ ھېكايىسىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
— مەن ئەمدى ئۇنداق ئىشقا زادى يولۇقمايمەن دەپ ئويلىغان ، ئەمما شەيتان مېنى يەنە بىر قېتىم ئازدۇردى . ئىككىنچى بالىمىز پەزىلىيە تۇغۇلۇپ ، يېشىغا تەگكەن مەزگىل ئىدى . ئوي مەھەللىدىكى ھامماچامنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم ، ئۇ مېنى ئۆيدە قالدۇرۇپ ، بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى . بۇ 5-ئاي ۋاقتىدىكى چىڭقى چۈش مەزگىلى ئىدى . دەھلىزە ئۆيدىكى سۇپىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن . بىر كەمدە بىرسى چاقىرغاندەك قىلدى . ئويغىنىپ قارىسام ھاممامنىڭ قوشنىسىنىڭ قىزى ئىكەن . ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە كىلەدەك تىكىلىپ قارايتتى . ئۇ بىرنەرسە سوراپ كىرگەنىكەن ، ھاممامنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ چىقىپ كەتمىدى . مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۇپىنىڭ قىرغىقىغا كېلىپ ئولتۇرغانىدىم ، ئۇمۇ يېنىمغا كېلىپ ، ماڭا چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇردى . ئۇنىڭ نېپىز كۆڭلەك ئىچىدىكى بەدىنى ، مېنىڭ ئاسما مايكا بىلەن تۇرغان يالىڭاچ بىلىكىمگە سۈركىلىپ ، ئاللىقانداق ۋەسۋەسىلەرنى قوزغايتتى . مەن خىجىل بولۇپ سەل نېرىراق سۈرۈلدۈم.
— ئەجەب مەن ئادەم يەيدىغاندەك قېچىپ كەتتىڭىزغۇ؟ خوتۇن كىشىدىنمۇ قاچىدىغان ئەر بولىدىكەن-ھە؟
— ئەمدى شۇ.. . ئادەم يوق ئۆيدە...
— نېمە؟ ئىككىمىز ئادەم ئەمەسمۇ؟
— بىزغۇ ئادەم ، بىراق ھاممام كىرىپ قالسا...
— كىرسە نېمە بولغۇدەك ، بىز يا بىر يامان ئىش قىلمىساق.
ئۇ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ ، يەنە گەپ قىلىشقا ئورۇن قالدۇرمىغانىدى . توۋا دەيمەن ، كۆڭلى سۇيۇق ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق گەپكە ئۇستا بولامدىغاندۇ . بىز ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇق . ئۇ بارغانسېرى ماڭا چاپلىشىپلىۋالدى . تىنىقى يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭ تىنىقلىرى يۈزلىرىمگە ئۇرۇلغانسىرى ۋۇجۇدۇم چوغلىنىشقا باشلىدى . مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم . ئۇنى ئۆزۈمگە تارتىپ چىڭ قۇچاقلىدىم . ئۇمۇ خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۆزىنى قويۇۋەتتى . مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا شەيتاننىڭ مەينەت سۈيىگە يەنە بىر قېتىم چىلاندىم.
ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ، ئۇ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى . مەندىكى ئەسەبىي ھاياجانمۇ ئاللىقاياقلارغا تاراپ ، قاتتىق بوراندىن كېيىن بىر چەتكە چىقىپ قالغان قامغاققا ئوخشاپ قالغانىدىم . ئۆزۈمنى گويا تومۇر-تومۇرلىرىمدىن قۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
كېيىن پەزىلىيە قاتتىق ئاغرىپ قالدى . مەن كونىلارنىڭ «ئايال قىلسا ئۆيگە ، ئەر قىلسا بالىغا» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم . بەلكىم مېنىڭ ناشايان ئىشلىرىمنىڭ كاساپىتى بالامغا بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، بەك ئازابلاندىم ، قىلمىشىمغا مىڭ بىر پۇشايمانلارنى قىلدىم . شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن زادىلا تالاغا قارىمايمەن دەپ قەسەم قىلدىم.
خۇدا گۇۋا ، شۇنىڭدىن كېيىن راستتىنلا تالاغا قارىمىدىم.
باھاۋۇدۇن ھېكايىسىنى تۈگىتىپ ، پەخىرلەنگەن ھالدا ئايالىغا قاراپ قويدى . ئايالى جىمجىت ياتاتتى.
— مەنغۇ ھەممىنى دەپ بەردىم ، ئەمدى سىلىمۇ ئۆز سىرىڭلىنى دەپ باقمامسىلە؟
زەينەپخان تۇيۇقسىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى . باھاۋۇدۇن نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە زەينەپخاننىڭ تىل-ئاھانەتلىرى يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى:
— ۋۇي جىن تەلەت قانجۇق ، ھە دەپ بەرسەم شۇنداقمۇ بۇزۇلامسەن؟ تېخى مېنى دە دەيسىنا ، مەندە نېمە بار ئىكەن؟ مېنىمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش رەسۋا ، ئىمانى يوق كۆرۈۋاتامسەن؟ مەن ئۆزۈمنى ھازىرغىچە سۈزۈك ئەينەكتەك پاكىز ساقلاپ كېلىۋاتىمەن . خۇدايىم بۇيرۇسا تا ئۆلگىچە شەنىمگە داغ چۈشۈرمەي ياشايمەن . ئىسىت ، ساڭا تۇتقان ئەقىدەم ، ساڭا قىلغان ھۆرمىتىم . سەن خۇددى تېشى پارقىراپ تۇرغان بىلەن ، ئىچىنى لەش قاپلاپ كەتكەن قاپاققا ئوخشايدىكەنسەن . ساڭا لەنەت ، مىڭ لەنەت ، يۈز مىڭ لەنەت.
زەينەپخان ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيدى-دە ، بالىلىرى ياتقان ئۆيگە كىرىپ ، ئىشىكنى «گۈپ» قىلىپ ياپتى . باياتىن بىرى گاڭگىراش ئىچىدە ئېسەنكىرەپ تۇرۇپ قالغان باھاۋۇدۇن شۇندىلا ئېسىگە كەلدى-دە ، پالاقلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، زەينەپخاننىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى.
— مەن ئېزىپتىمەن خوتۇن ، بۇنىڭدىن كېيىن.. . مىڭ توۋا . يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولسام قارا يۈز بولۇپ كېتەي ، گۆرىمدىن توڭگۇز قوپسۇن.
ئۇ بالىلار ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ ئىتتەردى ، ئەمما ئىشىك ئىچىدىن مەھكەم تاقالغانىدى.