تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› شېئىرلار(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17373
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    شېئىرلار(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم)

    شېئىرلار
    ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم



    سۇ تالىشىش

    شۇنچە مەرغۇر، شۇنچە لىۋەنسەن
    شۇنچە شېرىن، نازۇك بەدەنسەن
    ئويناقشىشىڭ دۇلدۇلدۇر گويا
    كۈيلەشلىرىڭ بۇلبۇلدۇر گويا

    خىيالىمدا بىر ئۆستەڭ لىق سۇ
    ئېقىپ كېرەر ئېتىزلىقىمغا...

    تالاشقاندەك ئىككى قەبىلە
    ئون تۆت ياشلىق رەسىدە قىزنى
    بىر توپ تەلۋە، زوراۋانلاردىن،
    تالىشىمەن بىر ئېچىق سۇنى.

    ئۇلار سۇنى سۆيگىنى بىلەن
    كۆرەلمەيدۇ سۇدىن چىنلىقنى
    بىر - بىرىگە كۆتۈرۈپ گۈرجەك،
    كۆرسىتىدۇ قەھرىمانلىقنى...

    ئېرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا
    يۈرىكىمدە ئاقىدۇ دەريا
    ئاشىق بولدۇم بىر ئېچىق سۇغا...

    قىچقىرىدۇ توپ - توپ ئاياللار،
    تەۋەززۇلۇق سۆزلەر ئىقىنلار.
    ئاياللارغا ئامراق كىشىلەر
    ياش يىگىتتىن سۇنى تالىشار.

    شۇنچە ۋەھشى، شۇنچە تەننازسەن،
    شۇنچە بۈيۈك ۋە شۇنچە ئازسەن.

    سەن زېمىننىڭ ئەمەس مېنىڭكى،
    دەريا ئەمەس بىر تامچىدۇرسەن،
    ئوردىسىدا سۇ شاھىنىڭكى.

    ئىككى ئىرىق - ئىككى قەبىلە،
    بىر - بىرىنى قىلىدۇ قەتلە.
    ئىرىقتىكى قىزنى دېمىسە،
    ئەپ ئۆتەتتى مەڭگۈ - مەڭگۈگە.

    ئىرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا،
    ئاشىق بولدۇم بىر يۇتۇم سۇغا.

    سۇ مۇلايىم، رايىش شۇقەدەر،
    راھەتلىنەر، شاتلىنار تەنلەر
    بىر - بىرىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن،
    جان بېرىدۇ ئەركەك بەدەنلەر.

    سۇ كىرگەندە ئېتىزلىقىمغا
    شادلىق ئۆرلەپ ئاقتى قېنىمغا

    سۇ ئاقماقتا
    ئاقماقتا ناخشا
    سۇ ئاقماقتا
    ئاقماقتا ئاقچا

    باشلىرىمدا سايرايدۇ قۇشلار
    ئېچىقلاردا تاتلىق كۈلكىلەر
    جىرىڭلايدۇ ئالتۇن تەڭگىلەر

    سۇ چاچىدۇ
    چىچىشىدۇ گۈل
    مەن ئالماقچى بولغان گۈزەللەر

    كوچا

    ئۈستىمىزدە ساماۋى ئاسمان،
    ئۈزۈپ يۈرگەن كىشىلەر يالغۇز.
    ئىككى يەلكەم ئىككى يۇلتۇزدۇر،
    قولۇم يەتمەس سوزسام بىر ئۆمۈر.

    ئەللەر ئاۋات قىلغان كوچىدىن،
    ئۆتتۈم دائىم يەككە - يىگانە.
    ھەممە ئادەم ياتسا خاتىرجەم،
    مەن نېمىدەپ يۈردۈم كېچىدە.

    قىز تاكسىدىن چۈشۈپ بىمالال،
    تاتلىق كۈلكە ئەيلىدى تارتۇق.
    ھاياتىمدا مۇشۇ كەمگىچە،
    لەززەت يوقكەن شۇنىڭدىن ئارتۇق.

    سەرۋى قەددىم پۈكىلەر ئاخىر،
    ئوتلۇق كۆزلەر يۇمىلار بىر كۈن.
    ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز ئۆمرۈم،
    يۈرىكىمنى قان قىلار بىر كۈن.

    قىز - يىگىتلەر ئۆتكەن كوچىدىن،
    مەن بېشىمنى سىلىپ ئۆتىمەن.
    ئىككى يۇلتۇز ئىككى يەلكەمدە،
    بېشىم بىلەن مىڭىپ ئۆتىمەن.

    دەرەخلەرنى قۇچاقلاپ ئۆتتۈم،
    بۇ كوچىدىن ئەمەس ئالەمدىن.
    بىر تىپىشماق يەنە بىر يوچۇق،
    قالار ئىكەن ھەربىر ئادەمدىن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم , شېئىرلار , سۇ تالىشىش , كوچا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-4 8:53:02
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 192
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证