چوغ ئوينىغان قىز
ئابابەكرى توختى
مۇساپە
بىز شۇنچە يىراقتا تۇرىمىز يېقىن ،
ھىجراننىڭ كەينىدىن قوغلار سېغىنىش .
ئالدامچى باھارنى ئالغاندا كۈتۈپ ،
قارىچۇقلار سەتھىدىن مارىلايدۇ قىش .
كېتىسەن ئۈن-تىنسىز مەن بىلمەس جايغا ،
قان قىلىپ قەلبىڭنى بەخت قايغۇسى .
كېلىسەن ئۈن-تىنسىز مەن بىلمەس جايدىن ،
ئىزىڭدىن ئۈنگىنى ياشلىقنىڭ چۈشى!
بەك ئۇزاق مۇساپە ياسايدۇ سۆيگۈ ،
بەك يېقىن بولسىمۇ بىزنىڭ ئارىمىز .
مەن سەندە ئۆزۈمنى تاپالماي سەرسان ،
سەن مەندە ئۆزۈڭنى تاپساڭمۇ ئەي قىز.. .
... گە بېغىشلانغان ئۈچ شېئىر
(1)
گۈل ئەمەسسەن ئېچىلىپ تۇرغان ،
بىراق
ھىدلايمەن خۇشبۇي ھىدىڭنى ھامان .
قۇياش ئەمەسسەن ،
قۇياش سەندىن چىقار مەن تامان .
كۈي ئەمەسسەن ،
كۈيدەك يېقىملىق ،
ئاۋازىڭ بار قۇلاق تۈۋىمدە .
مۇساپىرمەن ئەزىزىم
سۇمبۇل چېچىڭ تۇغقان كېچىدە .
شېئىر ئەمەسسەن ،
ئەمما بىر شېئىر
يېزىلىدۇ قەلبىمدە ئەبەد .
ئۇنىڭ سۈزۈك كۆز ياشلىرىدا ،
يالتىرايدۇ تۇنجى مۇھەببەت .
(2)
«ر» دېگەن تاۋۇشتا رەڭلىنەر ئۇپۇق ،
يۈرىكىم ئۇنىڭغا يېيىلغان بۇلۇت .
«ئى» دېگەن تاۋۇشتا ئىشەنچ كۆۋرۈكى ،
ئۇچرىشىپ قالىمىز گاھى ئۇشتۇمتۇت .
«ز» دېگەن تاۋۇشتا زۇلەيخا ھۆسنى ،
يۈسۈپنىڭ قەلبىگە يېقىپ تۇرار ئوت .
«ۋ» دېگەن تاۋۇشتا ۋاپا مەۋسۇمى ،
باھاركى بۇ مەۋسۇم ، بولماس ئەسلا جۇت .
«ئا» دېگەن تاۋۇشتا ئارزۇلار چېھرى ،
بۇ ئارزۇ چىللايدۇ پاك سۆيگۈگە قۇت .
«ن» دېگەن تاۋۇشتا ناشودلۇق لەيلەر ،
پايانسىز ھىجرانغا قىلغانچە سۈكۈت .
ئۈرۈمچى ئۆستۈردى شۇنداق بىر قىزنى ،
مۇھەببەت تەختىگە قىلىپ مەئبۇت .
(3)
مىڭ ئىرا ئاۋۋالقى سېغىنىشىمنى ،
ھە ، بۈگۈن كۈز پەسلى كۆمگەندە غازاڭ .
ساقىغان يۇلتۇزنىڭ بولۇپ ئارمىنى ،
نە ئۈچۈن سۆيگۈدىن ئاچىسەن پاراڭ؟
كۈتكىنىم پەقەتلا ئاددىي بىر نەرسە ،
ئۇ ئەمەس مۇھەببەت ۋە ياكى غەزەپ .
ئەيىبلەش بىھۇدە ئۆتكەن كۈنلەرنى ،
تۆكسەممۇ يېشىمنى ساڭا ئېسەدەپ .
قانداقمۇ ئىزاھلاش مۇمكىن ئىنسانغا ،
ئىنساننىڭ ئەڭ ياۋۇز قىلمىشلىرىنى .
كەتكەنمەن ئۆزۈمنى تاشلاپ بۇ يەردىن ،
كۆرگەندە باغرىڭدا باشقا بىرىنى.. .
قار چېچەكلىرى
يۈرەككە ياغماقتا قار بولۇپ جەبر ،
گۈلدەك ئېچىلىشنى ئۇنتۇشۇم كېرەك .
دۇنيا قارار ئەمدى سوغۇق كۆزىدە ،
سوغۇق قارار ئەمدى ھەتتا كېلەچەك .
دەرەخلەر ساناپ بولدى ئۇچقان تۇرنىنى ،
يۇمران قانىتىدا باھارنىڭ خېتى .
لېۋىم ئۇپۇقىدىن ئۆچتى ۋە يەنە ،
سۈبھى يۇلتۇزىدەك سۆيۈش سەنئىتى .
بۈگۈن مەن سەن ئۈچۈن يىرتىپ تاشلىغان ،
ئاداققى ئۈمىدلەرنى تېرىمەن پەقەت .
ھالسىز كۆمەر ئۇنى قار چېچەكلىرى ،
ھالسىز كۆمەر ئۇنى تۇنجى مۇھەببەت.. .