شېئىرلار
ئابابەكرى توختى
ئۇسسۇل تىلى
سەھنىدە ھېچكىم يوق،
ئۇچار لەرزان گۈل.
گۈل چاچماس پۇراق
گۈل ئاتىدۇ ئوق.
مەڭگۈ توختاپ قالغان بۇ دەملەر،
قىستاڭ، تىنجىق، يالقۇنلۇق.
ئۇيغۇرنىڭ تېنى سۆزلەيدۇ،
يۈرىكى ئەمەس.
چوغ ئوينىغان قىز
كاچكۇللاردىن چوغ تەردىم
چوغنى مۇزلاپ سۇغا چىققان
بىر قىزغا بەردىم.
قىشتا گۈل ئېچىلمايدۇ
تەشتەكلەردە سۇلياۋ گۈللەر.
نەمخۇش ۋە ئاپئاق
قار گۈللىرى قىلىدۇ چاقچاق.
دېرىزە تۈۋىدىن كاچكۇلغىچە
كۆيۈك يۇلتۇزنىڭ ئىزى.
كۆيۈك بۇلبۇل
قۇرۇپ قالغان گۈل.
كاچكۇلدا ئاي شولىسى،
تەنھا، يارقىن ۋە مۇڭسىز.
قول ئۇزاتتىم، مۇز ئالدىم
مۇزنى قوينۇمغا سالدىم.
مۇز چوغ بولۇپ ئېرىپ كەتتى تېز،
مۇز ئىچىدە چوغ ئوينىغان قىز.