تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› پىسخولوگىيە ۋە مائارىپ ›› چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا قىسقىچە كۆرسەتمە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17435
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا قىسقىچە كۆرسەتمە

    چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا قىسقىچە كۆرسەتمە

    فۇرقەت تەلئەت

     

       بۈگۈنكى دۇنيا ئىلىم - پەن دۇنياسى. مائارىپنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە خەلقئارا ئىلىم دۇنياسى بېرىش - كېلىشىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتى، دۇنيا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ رايونلار ئارا يۆتكىلىپ، ئۆز يەرلىرىدە كەمچىل بولغان ئىلىم - پەن، تېخنىكا بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان تېخنىكا، يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىشىگە، بۇ ئارقىلىق ئۆز ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۇنيا ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا ئۆز ساھەسىدە تېگىشلىك نەتىجىلەرنى قوشۇشىغا قىممەتلىك پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە.
    رايونىمىزدىن چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، زىيارەتلەرگە چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىمۇ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشماقتا. چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ، ئىلغار تېخنىكا، زامانىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ كېلىش، بۇ ئارقىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىدە ئۇلارنىڭ رولىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا، بولۇپمۇ ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا  بۈگۈنكى دۇنيا ھەل قىلغۇچ  ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سۈپىتىدە زور رول ئويناۋاتقان، يېڭى پەن - تەتقىقات ئۈزلۈكسىز تۈردە مېۋىلىرى ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە تاۋارغا ئايلىنىۋاتقان، پەن - تېخنىكا ئىجادىيەتلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى كۈنسايىن تېزلىشىپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ تېخىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

        ھالبۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى نۆۋەتتە يەنىلا ئاجىز بولۇپ، نۇرغۇن يوشۇرۇن تالانت ئىگىلىرىگە، ئىقتىدارلىق ھەم تەلەپكە يەتكەن لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشى ئۈچۈن شۇنداق پايدىلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرەلىشىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد. شۇڭا ھازىرقى چەت ئەللەرگە چىقىۋاتقان ئەمەلىي مىساللارغا قارىساق، يەنىلا ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇتلەق كۆپ قىسىم ساننى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقانلار نىسبەتەن ساناقلىقلا. ئۇنداقتا دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن  ئېيتقاندا ئىلغار مائارىپ تۈزۈلمىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخودى جەھەتتە زىيادە يۇقىرى بولغان چەت ئەل ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۆز ئوقۇش  ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟
    تۆۋەندە ئىنگلىز تىلى دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆلچەم قىلىنغان ئاساستا، بىر قاتار كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ بەلكىم بەزى باشقا دۆلەتلەرگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. لىكىن  نۇرغۇن نۇقتىلار ھەممىگە ئورتاق ياكى ماھىيەت جەھەتتىن چوڭ پەرق يوق بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە چىقماقچى بولغانلار ئۈچۈنمۇ مەلۇم مەسلىھەتچىلىك رولىنى ئوينىيالىشى مۇمكىن.

       ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نۇرغۇن ئائىلىلەر بالىلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپلا چەتتە ئوقۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتىدۇ ھەم تىرىشماقتا. مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەييارلىق مەكتەپلىرى بولۇپ، مەلۇم قىسقا مەزگىللىك ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى دەرس ئاڭلاش سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈپ، ئاندىن رەسمىي قوبۇل قىلىدۇ. بۇ بالىلار ئىنگلىز تىلىدا مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولۇپ چىقىشتىن بۇرۇن بالىلارغا ئىنگلىز تىلىدا قويۇلىدىغان چەكمۇ چوڭلاردەك ئۇنداق چوڭ بولمىغاچقا، چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش نىسبەتەن ئاسانغا چۈشىدۇ. ئۆز مەكتىپىدە  ئىزچىل ئەلا ئوقۇغان، ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مەلۇم نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن يوشۇرۇن تالانت ئىگىلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى كۈتۈپ تۇرماي، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئالىي مەكتەپنى بىۋاسىتە چەتكە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساس، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەلا نەتىجىلىرى، مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن سىرت  دائىرە ئىچىدە ئالغان ھەر خىل مۇكاپاتلىرى، دەرس بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىلار ياكى مۇدىرلارنىڭ تونۇشتۇرۇشلىرى بولالايدۇ. بۇ نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەتتا قوبۇل قىلغۇچى مەكتەپنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن  بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن. شۇڭا بارلىق ئاتا - ئانىلار، جەمئىيەت بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىنگلىز تىلى ياكى باشقا چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ پايدىسى شۇكى، بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چىقىم ئالىي مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا  ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، كۆپىنچە  ئائىلىلەر كۆتىرەلەيدۇ. بالىلارمۇ ئۇ يەردە دەرستىن سىرتقى  چاغلاردا، مەكتەپ يول قويغان دائىرىدە ئۆزىنىڭ مەلۇم خىراجەت پۇللىرىنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئىككىنچىدىن، بالىلار يالغۇز  چەت ئەل تىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى جەمئىيەتنى چۈشىنىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرەلەيدۇ. ئەمەلىي ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجى ئۆسۈپ، كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى ۋە تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولغان ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.
    ھازىر يەنىلا كۆپ ساننى تەشكىل قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتكە چىقىش رەسمىيەتلىرى بىرقەدەر كۆپ، ئۇلارغا بولغان تەلەپمۇ بىرقەدەر يۇقىرى. چۈنكى ئۇلار چىقماقچى بولغان دۆلەت ياكى ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان  بولۇپ، رىقابەتمۇ بىر ئاز كەسكىن. شۇڭا ئوقۇغۇچى ئالدى بىلەن ئۆز ئەھۋالىنى ياخشى ئويلىشىشى، ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانلىرىدىن ئالغان نومۇرىنى ۋە مەكتەپنىڭ شەرتلىرىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشى، ئاندىن شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا چىقماقچى بولغان دۆلەتنى تاللىشى كېرەك. بىراق شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەن ئىشەنچنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان بارلىق ئامىللاردىن تولۇق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۆز قابىلىيىتىگە ھەقىقەتەن ئىشەنسە،  ئۇ چاغدا يۇقىرىراق ئورۇندىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. پەقەت ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى قارشى تەرەپكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەسىر قىلدۇرالىغاندا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. بۇ يول بىرقەدەر ئۇزۇن ھەم جاپالىق بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈتكەن مەقسەتكە يەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق گەپ يەنىلا ئىرادىنى يوقاتماي، داۋاملىق تىرىشىشتا بولۇپ، پەقەت ئوقۇش يولىدا ھېچنىمىدىن قايتماس روھلا بولىدىكەن، سىز يەنىلا ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچى. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى دۇنياۋى دائىرىدە ETS )EducationalTestingService( (ئى تى ئېس)، يەنى ئامېرىكا «مائارىپ سىناق مەركىزى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئىنگلىز تىلى ئانا تىلى بولمىغانلاردىن ئېلىنىدىغان TOEFL(theTestofEnglishasaForeignLanguage) (توۇفل)، يەنى «ئىنگلىز تىلى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئېلىنغان ئىمتىھان»دىن بوشاشماي يەتتە قىتىم ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۆز نومۇرىنى دەسلەپكى 450 دىن كېيىنكى يۇقىرى نومۇر 650 گە يەتكۈزگەن. ئۇ يەنە ئۇلاپلا ئوخشاشلا ETS تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان GRE(GraduateRecordExamination) (جى ئار ئى)، يەنى «ئاسپىرانتلىق سەۋىيە ئىمتىھانى»دىنمۇ ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىپ، يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ھەمدە داڭلىق بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. بۇ يەردە ئالاھىدە  ئەسكەرتىسكە تېگىشلىكى شۇكى، ھەر بىر ئىمتىھاننىڭ تەلەپ، مەقسەد ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بەزى ئىمتىھانلارنى قايتا - قايتا نەچچە قېتىم بېرىشكە بولىدۇ. لېكىن بەزىلىرى كۆپ قېتىم بىرىلسە پايدىسىز. مەسىلەن TOEFL نى نەچچە قېتىم بەرسە بولىۋېرىدۇ. پەقەت ئەڭ ياخشى چىققان نەتىجىنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ بەرسىلا بولدى. بۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئېرىشكەن تۆۋەن نومۇرلار  بىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى يوق. بىراق GRE ئوخشىمايدىغان بولۇپ، مائارىپ سىناق مەركىزى ئۇنى ئالدىنقى چىققان نەتىجىلەر بىلەن قوشۇپ، ئىلتىماس قىلغان مەكتەپكە يوللاپ بېرىدۇ. ئەگەر ھەر بىر قېتىمقى ئېرىشكەن نەتىجە ئارىسىدا  بىرقەدەر پەرقلىنەرلىك بولغان ئىلگىرىلەش  ئالامىتىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بەلگە كۆرۈنمىسە، ئۇ چاغدا مەكتەپ تەرەپ سىزنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىڭىزدىن گۇمانلىنىشى، بۇنىڭ بىلەن  باشقا جەھەتلەردە تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىڭىزمۇ، لېكىن قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىدىن يەنىلا مەھرۇم قېلىشىڭىز مۇمكىن.
    TOEFL دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق دۆلەتلەردىكى ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئالىي مەكتەپلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى بولۇپ، تولۇق نومۇر 677. ئادەتتە 550 دىن يۇقىرى بولسا تەلەپكە يەتكەن ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىشتە بىر شەرت ھازىرلانغان دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ تەسلىك دەرىجىسى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، دۆلەتلىك 6 - دەرىجە ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولسىلا، ئۇلاپ ئازراق ۋاقىت كۈچەيتمە تەقلىدىي سوئلارنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئۆز سەۋىيىسىنى سىناپ بېقىپ، ئاندىن قاتناشسا بولىدۇ. ئاڭلاپ چۈشىنىش بۇ ئىمتىھاندىكى بىرئاز تەس نۇقتا بولۇپ، بىرقەدەر كۆپرەك مەشق تەلەپ قىلىدۇ. گرامماتىكا قىسمى ھەممىدىن ئاسان بولسىمۇ، لېكىن ئازراق بىخەستىلىك قىلىنسىلا كەتكۈزۈپ قويۇش خەۋپى بار. ئوقۇپ چۈشىنىش قىسمىنى كۆپ ئوقۇپ، كۆپ مەشق قىلىش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىشلەپ بولۇپ دەرىجىسىگە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ. تىرىشىپ ياخشىراق مەشق قىلسىلا 600 دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشتا مەسىلە چوڭ ئەمەس. تەييارلىق قىلغاندا كۆپ سوئال ئىشلەش، كۆپ ئوقۇش، كۆپ ئاڭلاش كېرەك. بۇ شۇنداقلا پۈتكۈل تىل ئۆگىنىش جەريانى ئۈچۈنمۇ رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان بىر مۇھىم نۇقتا.
    ئەگەر TOEFL نەتىجىڭىز بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، لېكىن GRE نەتىجىڭىز تىخى بولمىسا ھەمدە كىرمەكچى بولغان نىشانىڭىز ئالىي مەكتەپ باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئىلىش، يەنى تولۇق كۇرسقا كىرىپ ئوقۇش بولسا، ھەم ئۆزىڭىز دۆلەت ئىچىدە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇ تېخى تولۇق كۇرستا ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ ئىلتىماس قىلغانغا قارىغاندا سەل تەسكە چۈشىشى مۇمكىن. قارشى تەرەپمۇ خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئادەتتە تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش پروگراممىسى دەرىجىسىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ بەرمەيدۇ. مەكتەپ تەرەپتىن قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئەلچىخانا تەرىپىدىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىنىشىڭىز مۇمكىن. كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان (InternationalEnglishLanguageTestingSystem)IELTS (ئايلتس)، يەنى «خەلقئارا ئىنگلىز تىلى سىناق سىستېمىسى» ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىمتىھان گەرچە شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە TOEFL دىن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئىمتىھان سالمىقى ماھىيەتتە TOEFL بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىدۇ. بۇ دۆلەتلەر TOEFL نىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەرگە باشقا جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزدىن تولۇق پايدىلانغان ئاساستا، تولۇق بولغان ماتېرىياللىرىڭىز ئارقىلىق بىۋاسىتە ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس سۇنسىڭىز، مەلۇم مىقداردا قىسمەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلىشىڭىزدىن ئۈمىد بار. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن يەنە مەكتەپ تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسىڭىز، ئۆز خىراجىتىڭىزنى قامدىيالىشىڭىز مۇمكىن. ئامېرىكا ۋە كانادالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بولسا  بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان باشقا كېرەكلىك ماتېرىياللاردىن باشقا، يەنە ياخشىراق بولغان GRE نەتىجىسى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ دۆلەتلەردە ئاسپرانتلىق ئوقۇشى، يەنى ماگىستېرلىق، دوكتۇرلۇق، دوكتۇر ئاشتىلىق ئوقۇشلىرى ئۈچۈن ئادەتتە بۇ ئىككى نەتىجە بىردەك تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر تولۇق كۇرستا ئوقۇشنى  ئىلتىماس قىلسىڭىز، يالغۇز TOEFL نەتىجە بولسىلا كۇپايە قىلغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، يەنە  تولۇق كۇرستا ئوقۇشنى ئويلىغانلارغا نىسبەتەن  بۇ خىل ئۇرۇنۇش بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولۇپ ئاخىرلىشىشى مۇمكىن. ئامېرىكا، كانادا مەكتەپلىرىگە تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ سانى نىسبەتەن بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، ئىنگلىز تىلىگە بولغان تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى بولغاننىڭ سىرتىدا، يەنە باشقا ماتېرىياللارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرمۇ يۇقىرىراق. قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن بولسا يەنە تەستىقلاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەلچىخانا ئۆتكىلى بار. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلمىسە، گەرچە دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدا ئىقتىساد كاپالەتچىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەلچىخانا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش تەسكە توختىشى مۇمكىن. ئىنگلىز تىلى ئاساسى ئاجىزراق  بولغان ياشلارغا بىر مەسلىھەت، ئالدى بىلەن چىقماق نىسبەتەن ئاسانراق بولغان باشقا دۆلەتلەردە مەلۇم مەزگىل ئۆگىنىپ، كېيىن داۋاملىق ئاسپرانتلىق ئوقۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا، كانادا ۋە ياكى باشقا دۆلەت  مەكتەپلىرىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ نۇرغۇن پۇل تېجەپ قالغىلى بولغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە ئەڭ مۇھىمى نەتىجىسى چىقمىغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىلتىماس قىلىشقا كەتكەن ۋاقىتنى تېجەپ قېلىپ، شۇ ۋاقىتتا باشقا بىر دۆلەتتە ئۆزى قىزىقان كەسىپ بويىچە مەلۇم ئۇنۋاننى ئېلىۋالغىلى بولىدۇ. يەنە ئۆز ھەۋەس - قىزىقىشى بويىچە، ئىنگلىز تىلىدىن باشقا شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋالغىلى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كېيىنكى  ئىلتىماس قىلىشلاردا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان شارائىتقا ئىگە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار.
    ئىنگلىز تىلى دۆلەتلىرىدىكى ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەر ئادەتتە تولۇق كۇرسنى ئۆزئارا بىردەك ئېتىراپ  قىلىشىدۇ. بىراق ئوقۇتۇش مېتود ۋە دەرس پروگراممىسىدا نۇرغۇن پەرقلەر مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھەرقانداق تۈردىكى ئاسپرانتلىق ئوقۇشى ئېتىراپ قىلىنمىغاچقا، ئەگەر بىز ئاسپرانتلىق ئوقۇشىنى دۆلىتىمىزدە ئوقۇپ قالساقمۇ، يەنە قايتا ئوقۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىشتا TOEFL ۋە GRE (ئامېرىكا ۋە كانادا ئۈچۈن) ئىمتىھانلىرىدا كۆڭۈلدىكىدەك بولغان بىر قەدەر يۇقىرى نەتىجىلەردىن باشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئەۋەتكەندە كۆپىنچە مەكتەپلەر پەقەت بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئەسلى كۇپىيە نۇسخىسىنى ئىنگلىزچە تەرجىمە قىلىنغان يەنە  بىر نۇسخىسى بىلەن قوشۇپ، بۇرۇن ئوقۇغان مەكتەپ تامغىسى ياكى باشقا گۇۋاھلىق بېرىش تارماقلىرىنىڭ گۇۋاھلىق تامغىلىرىنى بىسىشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاندىن ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ھەر بىر مەكتەپ يەنە ئۆز ئالدىغا مەلۇم جەھەتلەردە ئالاھىدە تەلەپ، شەرتلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ مەكتەپ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن مەكتەپ قوللانمىسىدا ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەر بولسا ئادەتتە كۆپۈنچە مەكتەپلەر تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم ماتېرىياللاردىن ئىبارەت.
    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجىسى
    (TrenscriptfromHighSchool) ئادەتتە پەقەت مەكتەپ تامغىسى ئۇرۇلسا بولىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىپادىڭىز توغرۇلۇق قارشى تەرەپكە مەلۇم ئۇچۇر بېرەلەيدۇ.

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجىسى
    (TransctiptfromUniversity) ئادەتتە پەقەت مەكتەپ تامغىسى ئۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئىنتايىن زور بولۇپ، ھەر بىر مەۋسۈملۈك پەن ھەم نەتىجىلەر ئالاھىدە قارىلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ GPA نومۇر تۈزۈمى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدىغان مەلۇم نومۇر چېكى بار بولۇپ، ئەگەر بۇ ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولۇپ كىتىپ قالسا، ئۇ چاغدا مەكتەپ ئەڭ تۆۋەن شەرتىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىلىپ، ئىلتىماس قارىلىپ چىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. كۆپىنچە  داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش GPA ئەڭ تۆۋەن نومۇر سىزىقى ئادەتتە بىزدىكى پىرسەنت نومۇر تۈزۈمى بويىچە تەخمىنەن 80 - 70 لەرگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئىنگلىز تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە، يەنە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەگەر بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىقلاردىكى نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، كېيىنكى يىللاردىكى نەتىجىسى روشەن ھالدا يۇقىرى بولسا، بۇ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئوقۇشىدا تېخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنىشىدا يوشۇرۇن كۈچ  بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قايىل قىلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
    ئىككىدىن ئۈچ پارچىغىچە تونۇشتۇرۇش خېتى (RecommendationLetters) گەرچە خەت يازغۇچى ئادەمنىڭ سالاھىيىتى چەكلەنمىسىمۇ، لېكىن بۇ خەتنى يېزىپ بېرىشكە ئەڭ ياخشىسى ئالىي مەكتەپتىن ئۈچ شەخسنى تاللاش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۇرنى ۋە دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، يازغان خېتىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ ھەم قارشى تەرەپتە شۇ ئوقۇغۇچىغا قارىتا ھەقىقىي بىر چۈشەنچىنى ھاسىل قىلىشتا ياردىمى ئىنتايىن زور. فاكۇلتېت مۇدىرى، ئاساسلىق پەندىن دەرس بەرگۈچى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسىرتاتسىيە يېتەكچىلىرى بۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالايدۇ.
    باشقا ئېرىشكەن چوڭ - كىچىك مۇكاپاتلار، ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ كوپىيە نۇسخىلىرى. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپلىق دەرىجىسى، رەھبەرلىك قابىلىيىتى، ئىجادچانلىقى ە باشقا كۆپ خىل ئارتۇقچىلىق، ئىقتىدارلىرىنى ئەتراپلىق نامايەن قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىگە ھەرگىز سەل قارىماستىن، ئىمكانقەدەر  كۆپرەك تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
    ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسىرتاتسىيىسىدىن ئابىستراكىت (AbstractofGraduationDissertation)
    ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى (ApplicationForm) بۇ قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن مەكتەپ قوللانمىسىدا بار جەدۋەل بولۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن توغرا تولدۇرۇش كېرەك. ئەگەر خاتا تولدۇرۇلۇپ ئەۋەتىلىپ قالسا ياكى تولدۇرغان مەزمۇنلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا مەكتەپ تەرەپنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش كېرەك.
    ئىقتىسادىي بايانات (FinancialStatement) بۇ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى خىراجىتىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنبە كاتەكچىسى مۇشۇ جەدۋەلدە توشقۇزۇلغان مەلۇماتقا ئاساسەن تولدۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلمەي قالسا، ئۇ چاغدا مۇشۇنىڭدىكى پۇل سانى ئەلچىخانىنىڭ ۋىزىنى تەستىقلاش - تەستىقلىماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئۆلچەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق مەيلى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەشتە بولسۇن بۇ ئاساس قىلىنمايدۇ.
    ئىلتىماس بايانى (ApplicationEssay) بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى توغرىسىدا يازغان بايانى بولۇپ، ئادەتتە ئوقۇش مۇددىئاسى، مۇشۇ  كەسىپنى تاللاشتىكى مەقسەد، كېيىنكى نىشانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە باشقا كېرەكلىك دەپ قارالغان ئۆزى توغرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇر، تەسىراتلار يېزىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىنگلىز  تىلى سەۋىيىمىز چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردەك ئۇنداق ياخشى ئەمەس ھەم بۇنى چەت ئەللىك باھالىغۇچى پروفېسسورلارمۇ بىلىدۇ. بىراق ئەگەر بىز ئۇنى ئىلىمگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز بىلەن، ئۆگەنگەن بارلىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيىمىزنى ئىشقا سىلىپ، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن يېزىپ چىقىدىغانلا بولساق، چوقۇم ياخشى چىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپتە بىزگە نىسبەتەن باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىنەرلىك بولغان تەسىرلىك ئوبرازىمىزنى يارىتالايمىز. بۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە بىزنىڭ ئوقۇشقا كىرىش - كىرەكمەسلىكىمىزنى بەلگىلىيەلەيدۇ. پۈتكۈل ماقالە بىر ئۆز ئۆزىنى يورۇتۇپ بېرىش جەريانى بولۇپ، بىز نېمە ئويلىساق، كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى بولساق، شۇ نەرسە قەغەز يۈزىدە ئەكس ئېتىپ چىقىدۇ ۋە بىزنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. باھالىغۇچى پروفېسسورلار بىزنىڭ ئىلتىماس بايانىمىز ئارقىلىق بىز توغرۇلۇق  بىر ئىخچام، لېكىن ۋەكىل خاراكتېرىگە  ئىگە كارتىنىغا ئىگە بولالايدۇ. ئۇ ئارقىلىق يالغۇز بىزنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيىمىزنىڭ قانچىلىكلىكىنى، يىزىش قابىلىيىتىمىزنى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ ئوقۇشتىكى نىشانىمىزنى، خاراكتېرىمىزنى، قىزىقىشلىرىمىزنى، ھەتتا پۈتكۈل ئىدىيىمىزنى كۆرۈپ ئالالايدۇ. شۇڭا بۇ بىزنىڭ  يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىر يېزىقچىلىق جەريانى بولۇپ، مەلۇم يېتەرلىك ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىمكانقەدەر ياخشى يېزىپ چىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۇزۇن ياكى قىسقا يېزىشنى تامامەن ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. ياخشى، تەسىرلىك يازالىسىڭىز ئۇزۇنراق يېزىلسىمۇ، قارشى تەرەپ قىزىقىپ ئوقۇيدۇ. گەرچە بەزى مەكتەپلەر بۇ توغرۇلۇق مەخسۇس كۆرسەتمە بېرىپ، بەت سانىنى كونترول قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سىز ئۆز ئەھۋالىڭىزنى ئاساس قىلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئارقىلىقمۇ يەنە سىزنىڭ ھەقىقىي ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز ۋە قارشى تەرەپتە سىزگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى بەخش ئېتەلەيسىز. ئۇنى قۇرۇق، زېرىكىشلىك گەپلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاددىي بولسىمۇ مەنىلىك، قىزىقارلىق، ئەدىبىيلىك خۇسۇسىيەتلەرگە باي بولغان بىر نەپىس، گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە، ئۆگەنگەن بارلىق ماھارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىشىڭىز كېرەك. قايتا - قايتا ئويلىنىش، كۆپ يېزىپ - تۈزىتىش، ئۆزىنى بىر قەدەر چۈشىنىدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلەرگە ئوقۇتۇپ، ئۇلاردىن پىكىر - مەسلىھەت ئېلىپ تولۇقلاشلاردىن كېيىن، ئاخىرى ئۆزىگە يارىغان، ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل دەپ قارالغان نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بېرىش كېرەك.  ئۇنى كۆرۈنگەن ئادەمگە كۆرسەتمەي، بەلكى بىر ئارخىپ سۈپىتىدە مەخپىي ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بولمىسا باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈۋېلىش ياكى سىزدىكى پىكىر ئىجادىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ كىتىش خەۋپى بار.
    خىزمەت تېپىش خىتى (Resume)
    ئادەتتە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ داۋاملىق ئۇلاپ ئوقۇش نىيىتىگە كەلگەن بولسىڭىزمۇ ۋە ياكى مەلۇم مەزگىل خىزمەت قىلىپ، خىزمەت ئورنىڭىزدا  ئۆگىنىپ چەتكە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى ئىزدىگەن بولسىڭىزمۇ، يەنىلا خىزمەت تېپىش خېتى يىزىشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز. ئۇنىڭدا يەنە سىز توغرۇلۇق نۇرغۇن كېرەكلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان بولۇپ، ئادەتتە قىسقا، ئىخچام ھالدا شۇ كىشىنىڭ مائارىپ ئارقا كۆرۈنىشى، كەسپىي قىزىقىشى، خىزمەت تەجرىبىسى، ئائىلىۋى ئەھۋالى ۋە قازانغان نەتىجە ۋە ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى ۋاقىت، ئورۇن تەرتىپى بويىچە رەتلىك يېزىلىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك. ئادەتتە ئۇ يەنە بىر پارچە CoverLetter يەنى مۇقاۋا خېتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرلۈك خەت شەكلى بىلەن قوشۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ شۇ ئىشلىمەكچى بولغان ئورۇن مەسئۇلىغا قارىتىپ يېزىلىدۇ. ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
    يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئۆزىمىز يىزىش كېرەك بولغان ماتېرىياللارنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە نېمىلەرنى يىزىش كېرەكلىكىنى ھەر خىل ئۈلگىلەردىن كۆپ كۆرۈپ ئۆگىنىش، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈش، كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئاندىن ياخشى يىزىپ چىققىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئەگەر كەم بولۇپ قالسا ماتېرىيالى تولۇق ئەمەس دەپ قارىلىپ، ۋاقتىدا ئوقۇشقا كىرىشكە تەسىر قىلىدۇ. بىرسى ياخشى يىزىلسا، يەنە بىرسىدىكى كەمچىلىكلەرنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ  ھەر بىرسى بىر - بىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرىكىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئوقۇغۇچىدا بىزگە نىسبەتەن  بىر ئەتراپلىق ئۇقۇم بېرىش بىلەن بىرگە، ئاخىرقى ھېسابتا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىشىمىزنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇڭا ھەر بىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئىمكانقەدەر ياخشى يېزىپ چىقىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە مەكتەپ تەرەپ بىلەن مەيلى E-mail ئارقىلىق ۋە ياكى پوچتا ئارقىلىق ئالاقە ئىلىپ بارايلى، ھەممىسىدە ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىپ يېزىقچىلىق ئېلىپ بارىمىز. بۇمۇ قارشى تەرەپكە ئۆزىمىزنى نامايەن قىلىشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى. بۇ ھەم بىزدىن ئىنگلىز تىلى يېزىقچىلىقىغا نىسبەتەن كۆپرەك ئۆگىنىش  ۋە مەشق ئىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىلتىماس قىلىش داۋامىدا ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتىن ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈشىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق رول ئوينايدۇ.
    باھالاش كومىتېتى ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسىنى قاراپ چىقىشتا TOEFL ۋە GRE نەتىجىلىرى بىر ئۈلۈشنى، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ نەتىجىلىرى ۋە بۇ جەرياندا  ئېرىشكەن ئۆز كەسپىڭىز ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلەر بىر ئۈلۈشنى تەشكىل قىلسا، بىز يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ماتېرىياللار بولسا يەنە بىر ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ. نومۇر ۋە نەتىجىلەر سىزنىڭ قاتتىق دېتال نەتىجىلىرىڭىزگە ۋەكىللىك قىلسا، ھەر خىل ماتېرىياللار يۇمشاق دېتال تەرەپلىرىڭىز بولۇپ، ئەگەر بۇ جەھەتتە قايىل قىلارلىق كۈچى بولسا، ھەتتا قاتتىق دېتال جەھەتتە ساقلانغان مەلۇم يېتەرسىزلىكلەرنى يېپىپ كېتىشكىمۇ ياردەم قىلالايدۇ.
    نۇرغۇن كىشىلەر چەتكە چىقىپ ئوقۇشتا پۇل بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمەلىيەت پۈتۈنلەي بۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇنى قەتئىي سۇنماس ئىرادە، زور چىدام، غەيرەت، بىلىمگە بولغان ئوتتەك تەشنالىقىمىز ئارقىلىق، ئۇلار ئېيتقاندەك كۆپ مىقداردىكى پۇلغا تايانمايمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن . چەت ئەل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، بۇ ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولغان ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش - بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر يول. مۇشۇ مەقسەتتىكى ھەر بىر ياش ئىرادىلىك بولۇپ، ھەر خىل چىقىش يوللىرىنى تېپىشقا ماھىر بولۇش، ئۆز بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چەتكە چىقىپ ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىمۇ بىلىم ئىلىش بولۇپ، چىقمىغان تەقدىردىمۇ ئۆز يىرىمىزدە ئارتۇقچىلىقىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز بىلىمىمىزنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىش، بۇ بىز ھەر بىر ياشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ھەم نىشانى. لېكىن چەتكە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ھەرگىزمۇ شەخسىي مەنپەئەت، چاكىنا ئارزۇ - ھەۋەس ياكى راھەت تۇرمۇشقا ئىنتىلىشلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم. ۋەتەننىڭ ئۈمىدى، كېلىچەكنىڭ ئىگىسى بولغان بىز ياشلارنىڭ تەقدىرى يۇرت، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان چاغدىلا، ئۇ ئاندىن ھەقىقىي ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.
    



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : چەتكە چىقىپ ئوقۇش , فۇرقەت تەلئەت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-3 5:30:57
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 423
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证