تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17374
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قايتىش(ئوكتاۋىئوپاز)

    قايتىش (1965 — 1975)
    ئوكتاۋىئوپاز (مېكسىكا)



    ھەر كۈنكى يالقۇن


    ھاۋاغا ئوخشايدۇ
    گېئولوگىيە كىتابىدا،
    تېلىسكوپلاردا،
    قۇرۇلغان ھەمدە بۇزۇلغان
    ئاشۇ شەكىلسىز بىنا —
    ئادەم.
    ئۇنىڭ تىلى
    بوشلۇق ئالىقىنىدا بىر دانچە،
    كۆيۈۋاتقان ھەم.
    بوغۇملار يېلىنجىغان ئوت.
    گىياھلار
    يىلتىزدۇر ئاڭا
    ئۈزۈلگەن تىمتاسلىق،
    شاخ بولار مانا
    ئاۋازدىن سېلىنغان ئۆيلەر.
    بوغۇملار:
    تۇتۇشۇپ ، ئۈزۈلۈپ تۇرىدۇ دەم - دەم
    ئويناپ
    ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىق ئويۇنىنى.
    بوغۇملار:
    پېشانىدە پىشسا مەي بولۇپ
    ئېغىزلاردا گۈل بوپ ئېچىلار.
    ئۇنىڭ يىلتىزى
    ئىچىپ كېچىنى ، يەيدۇ نۇرلارنى.
    تىل:
    يامغۇر ياپراقلىرى ئۆسكەن
    يالقۇنلۇق دەرەخ.

    چاقماق گىياھلىرى
    گېئومېتىرىيىسى ئەكس سادانىڭ:
    يارىتىدۇ شېئىر قەغەزدە
    كۈندۈزى كەبى
    بوشلۇق ئالىقىنىدا تىرەپ تۇرۇلغان.

    گارىيانا كوچىسىدا

    — رامون شىلاۋغا①(رامون شىلاۋ (1924 —  ) ، مېكسىكا يازغۇچىسى.)بېغىشلاپ

    ئېگىزدە ئۇرۇلار بازغانلار دەھشەت
    چۇل - چۇل بولغان ، چېقىلغان سادا
    لايچى ئۇستام گۇگۇم ئۇچىدىن
    سىيرىلگەنچە چۈشىدۇ ئاستا

    تۇرىمىز زەڭگەررەڭ ، ئىزگۈ تۈنى ئارىسىدا
    باشلىنىدۇ بۇندا باياۋان
    قانسىرىغان كۆلچەك بىردىنلا
    ئوت ئالدى ، ھەسەل ھەرىسى ئاڭا ئوت ياققان

    بارغاندا چېكىگە بىر توپ ئۆيلەرنىڭ
    ئوكسىدلىنىپ قالار ياز كۈنى
    كىمدۇر بىراۋ ئىشىكنى ياپسا
    سايىسىگە گەپ قىلىدۇ بىرسى

    قوڭۇر رەڭدە كۆرۈنەر ئاسمان
    كوچا قۇپقۇرۇق ، لالما ئىت ھەتتا
    قورقىدۇ ئايلىنىپ يۈرۈشتىن تەنھا
    يۇمسا ئۇ كۆزىنى ، سۈر باسار ئادەمنى شۇئان

    چاڭ - توزانلىق بورانسىمان تىل

    — كېسسى ئېمرو پوچىكقا①(كېسسى ئېمرو پوچىك (  — 1939) مېكسىكىلىق شائىر ، يازغۇچى.)بېغىشلاپ

    ئاچتىم دېرىزىنى
    ئۇ
    قارىمىغان ھېچبىر تەرەپكە
    دېرىزە
    ئېچىلغاندۇر ئىچىگە
    بوران
    كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە
    يەڭگىل ھەم
    پىرقىراپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان توپا مۇنارلار
    ئۇلار
    بۇ ئۆيلەردىنمۇ ئېگىز شۇقەدەر
    ئۇلار
    بۇ قەغەز يۈزىگە كېتىدۇ سىغىپ
    ئۇلار
    يىقىلىپ قوپىدۇ يەنە
    ئىشتىن بۇرۇن سۆزلىمەس
    ھېچنېمە
    بۇ قەغەز ئۆرۈلسە
    ئۇلار كېتەر تارقىلىپ
    ئەكس سادا قۇيۇنى
    ئۆزى ئۈچۈن ئايلىنار
    مەستانە بولۇپ ، روھلىنىپ
    شۇتاپ
    ئۇلار يەنە پورەكلەپ ئېچىلماقتا باشقا بوشلۇقتا
    ئۇلار
    سۆزلىمەيدۇ بىز سۆزلىگەن گەپنى
    باشقا بىر خىل نەرسە
    باشقا بىر خىلدۇر ھەمىشە
    ئوخشاش نەرسە
    ئۆزگەرمەس ئەسلا
    شېئىرنىڭ تىلى
    سۆزلىمەيمىز مەڭگۈگە
    ئېيتىپ بېرەر شېئىر ئۇنى بىزگە

    ۋاقىتقا يۈزلىنىش

    سۈرەت،
    ۋاقىت تىل سىزىقىدا قېتىپ قالغان:
    قارا تاغ ، ئاق بۇلۇت، 
    كۆزەتمەكتە قۇشلارنى قىزچاق
    مانا يولنىڭ ماۋزۇسى
    بىر تەرەپ بولمىغان ئەمەس ، مۇشۇنداق:
    ئۇلار تىل ئوقياسى،
    بەلگىلەردۇر كۆيۈۋاتقان.
    پىكىر كۆزەتمەكتە،
    كۆز پىكىر قىلماقتا
    ئۇچرىشىپ نىگاھلار،
    تىللار كۆيمەكتە:
    تۆت پۇت
    شوتىنىڭ شوتىسى
    بىر قۇشقاچ ، ئەلۋەتتە!
    ئېرىگەن تاش ئۆي
    شۇئان
    ئەمما ئاستاغىنە:
    ۋەھىيلەرنىڭ ئەينىكى سۈزۈك.
    كۆزدىن ئوبراز ، تىلغىچە
    (بېرىش ۋە قايتىش)
    ئوبراز ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمى ئارىسىدا
    سېزىش قىيىن بولغان ئاراشلار،
    سېزىم ۋە ئۇقۇم:
    ۋاقىتتۇر — زامان .
    كۆز ئوقياسى
    دەل تېگەر
    مومىنتقا.
    تۆت نىشان
    بىر پارچە خام سۈرۈپ ئۆزرە ھەر خىل سىزمىلار:
    ئوخشاش ھەمدە ئوخشىماس
    ئوخشاش دەقىقىدىكى تۆت چىراي.
    كۆزلەر مەركەزدۇر.
    نىگاھ
    ئۇچرىشىش مەركىزى.
    روياپقا چىققان چىرايلار،
    ھەر كۈنكى چىراي،
    ئوخشاش چىراي ئەمەستۇر ئەبەد.
    قانرەڭلىك ئېللىپىس:
    قورقۇتۇلغان ئىشچىنىڭ چىرايى،
    ئاسفالىت يولغا چۈشۈپ كەتكەن ئاقار يۇلتۇز.
    چېچەن ، ئىشچان كىرچى ئايال،
    ئايۋانغا ئىلىشىپ تۇرغان بۇلۇت قاتلىمى،
    خۇشاللىق كىرلىكى بىرلە
    يېپىۋالار چېھرىنى.
    تىنچلان بىر پەس!
    مەڭگۈلۈكنىڭ سۈرىتى:
    زۇلمەت باسقان مۇساپىرخانىدا
    بىر دەستە ئۇچقۇن
    قارارەڭ ئېقىنىدا ئۇچار ھەم
    (كۈمۈش تاغاق
    قارا ھەم تۈپتۈز چاچلار ئارا ھاسىل قىلىدۇ زەرەت)
    ۋاقىت توختاۋسىز ئاقار،
    ۋاقىت
    تىنىمسىز ئىختىرا قىلار،
    ۋاقىت تىنىمسىز
    ئۆچۈرۈپ ماڭىدۇ ئىختىراسىنى،
    خىيالىي كۆلەڭگە
    زاھىر بولار توختىماي.
    دەريا - ئېقىن ئېغىزى
    سۆزلەر بۇلۇتنى،
    ئادەم ئېغىزى
    سۆزلەر دەريانى.
    رېئاللىقنىڭ باردۇر ھامان باشقا بىر يۈزى،
    ھەر كۈنكى چىرايىنى،
    كۆرەلمەيمىز قىيامەتكىچە،
    ۋاقىتنىڭ باشقا بىر يۈزىنى
    مەنۇيىل:
    ياغاچ تايچىقىڭنى بېرىپ تۇر ماڭا،
    مەن بارىمەن بۇ تەرەپنىڭ باشقا تەرىپىگە.
    رېئاللىقتۇر ئەڭ ھەقىقىي رەڭسىز بىر فىلىم.

    («قۇياش تاش» 213 - بەت)

    رەڭسىز تاش

    سىما①(سىما — ئىسىم.)كۆكتىكى
    ئۇرۇق
    بىر پارچە تاش
    تاش ئۆسكەن
    ئىچىدە
    تىمتاس ئۇخلاپ ياتار بىر بوۋاي
    كۆزلىرىنى ئاچسا ئۇ ئەگەر
    پارتلاپ كېتەر ئىدى ئاشۇ تاش
    قاناتلارنىڭ سىلكىنىشى ۋە ئېغىزدىن چىققان قۇيۇن
    تاشلاندى بىر ئايالغا
    بۇ ئايال كۆزىنىڭ ئۇزۇن ساقاللىرىدا
    ئاقماقتا
    تاش دومىلاپ چۈشمەكتە يەرگە
    كۆزلەر مەيدانىدا
    كۆيمەكتە
    ئالىقىنىڭدا
    چېچەك ئاچار
    ئېسىلغان
    كۆكرىكىڭ ئۆزرە
    ئېيتىلغان
    سۇنىڭ گېپى
    تاش پىشقان
    ئۇرۇق
    ئىچىدە كۈيلەيدۇ
    يەتتە
    يەتتە ھەمشىرە
    يەتتە يىلان
    يەتتە پارچە قاشتاش
    يەتتە جۈملە سۆز
    سۈزۈك ئەينەك كارىۋات ئۈستىدە
    ئۇخلىماقتا
    نىگاھى يېرىلغان
    تاش
    مەركىزىدە
    باردۇر يەتتە سۇنىڭ تومۇرى.

    («قۇياشتاش» ، 216 - بەت)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قايتىش , ئوكتاۋىئوپاز , ھەر كۈنكى يالقۇن , گارىيانا كوچىسىدا , رامون شىلاۋ , چاڭ - توزانلىق بورانسىمان تىل , كېسسى ئېمرو پوچىك , قۇياشتاش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-3 3:57:22
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 146
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证