تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› شېئىرلار(ئەكبەر نىياز پەتتارى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 4
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    شېئىرلار(ئەكبەر نىياز پەتتارى)

    شېئىرلار
    ئەكبەر نىياز پەتتارى



    تەسەللى

    قەلبىمگە چاڭ سېلىپ تۇرغىنى نېمە؟
    ئېھتىمال بىر شادلىق ياكى بىر ئازاب.
    توسقۇنسىز خىيالىم خۇددى مەست كېمە،
    دولقۇنلار باغرىدا يوقايدۇ ئۇزاپ.

    ئازابسىز ياشىماق ئازابقۇ ئاخىر،
    يوق قىلىش مۇمكىنمۇ قايغۇ - ئەلەمنى؟
    تەسەللى بولمىسا مىسرالار-شېئىر،
    باغاشلاپ ئۆتمەستىم قەغەز - قەلەمنى.

    خۇشاللىق دەملىرى قىسقا بولسىمۇ،
    چاقماقلار تەڭ كەلمەس سۈرى - لەرزىگە.
    ھەر كۈنۈم ئېيتقۇسىز دەردكە تولسىمۇ،
    مەنىلەر يۈكلىدىم ھايات ۋەزنىگە.

    ئۈمىدتىن بەزگەنلەر ئۆلۈككە ھېساب،
    تۇرمۇشتا يەنىلا مۇھەببەت ، قۇت بار.
    كۈلمەكتە ئەجرىمدە گۈللەر رەڭ ياساپ،
    يۈرەككە ئېتىقاد تاشلىغان ئوت بار.

    ئەمەسمەن تەقدىرگە ، قىسمەتكە رايىش،
    سىنايدۇ ، تاۋلايدۇ روھىمنى ئازاب.
    بىھاجەت ئۆزگىگە غۇتۇلداش - كايىش،
    ئازابلار باغرىدا كېتىمەن ئۇزاپ...

    تەلمۈرۈش

    كەل ، ئازاب باغرىمغا بىردەم چۆككىلى،
    مەنمۇ زار بولدۇم مۇڭۇمنى تۆككىلى.
    يازغىلى بولمايدۇ تاڭ مىسرا - شېئىر،
    نى زامان ئىلھام پەرىسى مۆككىلى.

    كىم مېنىڭ بەختىمگە ھامىي بىلمىدىم،
    رەقىبىم تەييار ئىشىمنى سۆككىلى.
    نەدىسەن نۆۋەر چېغىم سۆيگەن گۈلۈم،
    يا نىيەت قىلدىڭمۇ تەنھا ئۆتكىلى؟!

    ياشاش يولى

    ئۇنتۇشمۇ ئۆيىمنىڭ سىرتىدا تۇرغان،
    قورقۇپ ۋە ئاۋايلاپ ئالىمەن قەدەم.
    نېمىدۇر روھىمدا تىنماي لەڭ ئۇرغان،
    ئاھ ، مېنى ئۈندىگەن بولۇشقا بەردەم؟

    سىر بولۇپ ياتىدۇ ئوتتۇز پەلەمپەي،
    شاھىدتەك ئۈمچىيىپ ئۆتكەن كۈنۈمگە.
    تۇرمۇشنىڭ غەملىرى ياساپ قانات - پەي،
    ئۇچۇرار ئەرشكە ، بەلكى ئۆلۈمگە.

    بىر شادلىق تۈپەيلى بىر ئۇھ تارتىمەن،
    بۇ ئېنىق ھەر ئۇھتا دەردلەر بىھېساب.
    نامراتلىق ۋەجىنى كىمگە ئارتىمەن،
    ئالغاندا مائاشنى قىلىشىپ ھېساب؟

    قىزىمنى مەكتەپكە ئاپىرىش كېرەك،
    ئېھتىمال تەگەيدۇ يەنە مۇئەللىم.
    ئىشخانا ، يوقلىما كۈتمەكتە-كۆرەك،
    لىفىتمۇ ئىشلىمەي بوپ قالدى دائىم.

    يول تاپقىن ، پۇل تاپقىن دەيمەن ئۆزۈمگە،
    موھتاجلىق كۆكلەيدۇ بېدىگە ئوخشاش.
    ياش ئېلىپ گاھىدا قارا كۆزۈمگە،
    ئويلايمەن: نەقەدەر قىيىن - ھە ، ياشاش؟!

    پەرىشتىدىن قورقۇش

    مەن ، سەن-تۆمۈر ئۇۋۇندىسىنى،
    ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتقان،
    نېمە زادى پەرىشتە بولماي؟!

    ئاپئاق - ئاپئاق گۈللەرگە ئوخشاش،
    پەرىشتىلەر كۈلەر چېچەكلەپ،
    دوختۇرخانا - باغنىڭ ئىچىدە.
    كۈلۈمسىرەپ چاقىرىشلىرى،
    ياڭراپ تۇرار كۈندۈز - كېچىدە.

    ئوتقاش رەڭلىك كرېست بەلگىسى،
    تېلېۋىزور ، گېزىتكە بېزەك،
    ئەسكە سالار ھايات - ماماتنى.
    ئاغرىپ قالغۇڭ كېلىدۇ گاھى،
    باغاش ئېتىپ سوغۇق كارىۋاتنى.

    رەستىلەردە يۈرسەڭ بەھۇزۇر،
    پەرىشتىگە قالار ئايلىنىپ،
    ئىستولبىلار ، ئېلان تاختىسى.
    ئاغرىساممۇ دەيمەن ئۆزۈمگە،
    يېتىپ قالما توغرا ، ياخشىسى.

    دال بولمايدۇ چۈنكى ئوكۇلغا،
    ئۆچىرەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە،
    ئائىلەمنىڭ پۈتكۈل ئاقچىسى.
    مېنى باغقان دېھقان ئاتامنىڭ،
    يىللىق ئەجرى ئۈزۈم ، پاختىسى.

    قىزىم قورقۇپ زۇكام ، يۆتەلدىن،
    تومۇزدىمۇ قېلىن كىيىنىپ،
    مەكتىپىگە ماڭىدۇ قېيىداپ.
    مەن ئەركەكلىك ۋەھىمىسىدە،
    مەي ئىچمەيمەن ھەممىگە چىداپ.

    كىم بىلىدۇ ھەرقانداق جايدا،
    يۈز بېرىشى مۇمكىن ھادىسە،
    مېنى سۆرەپ دوختۇرخانىغا.
    كىرمىسىمۇ مەيلى پەرىشتە،
    چۈشلىرىمنىڭ گۈلىستانىغا.

    باھار كۆلگە قونغان ئاققۇدەك،
    پەرىشتىلەر يۈرۈيدۇ ئەگىپ،
    تۆكۈپ مېھىر ، تاشلاپ قانات - پەي.
    ئۇنى قولغا ئالايچۇ دەيمەن،
    ئالالمايمەن يەنىلا ھەي - ھەي.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەكبەر نىياز پەتتارى , شېئىرلار , تەسەللى , تەلمۈرۈش , ياشاش يولى , پەرىشتىدىن قورقۇش ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-3 3:36:49
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 293
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证