تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› شېئىرلار(ئابلىكىم خېۋىر تەرجىمىسى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    شېئىرلار(ئابلىكىم خېۋىر تەرجىمىسى)

    شېئىرلار
    ئابلىكىم خېۋىر



    سەرگەردان
    توما(رومىنىيە)

    كۆلبەڭگە كىرىپ كەلسە بىر سەرگەردان،
    ئاش - تۇزۇڭ تەييار بولسۇن سال داستىخان.
    ئوچاق، مەش ئالدىغىراق ئولتۇرسۇن ئۇ،
    مەي ئۇزات، قىزىپ قالسۇن تېنىدە قان.
    سورىما، سوراپ سالما شۇنى زىنھار:
    سەن نەدىن، بارماقچىسەن ئەندى قايان.

    سەرگەردان باشنى ئېلىپ چىققان تۇرسا،
    ئاشۇنداق سوئال ئاڭا ھار كەلمەمدۇ؟
    يۇرتىدىن كەچكەندۇ ئۇ شورپىشانە،
    دىل رەنجى بولسا مەلە تار كەلمەمدۇ؟!

    سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇپ يارىسىنى
    جېنىغا ئارام بەرگەنئىدىڭ ھازىر.
    يارىغا تۇزلار سېپىش نېمە ھاجەت
    نە كېرەك شۇنداق سوئال قويۇش، ئاخىر.

    نەگىمۇ بارىدۇ ئۇ، شەپقەتچى كىم؟
    ئۇ پەقەت ئالغا ماڭار، ماڭار راۋان.
    كەچمىشلەر بۇزغاندۇ تىنچ دەملىرىنى،
    بىكاردىن يۇرتلار كېزىپ كەلمەس بۇيان.

    سەرگەردان كۆرسۇن سەندىن چىن شاپائەت،
    غەملەپ بەر يولىغا سۇ، يەتكىدەك نان.
    كەچكۈزدە ىازان بولغان شۇ ياپراقتىن -
    سورىما: قايسى شاختىن چۈشتۈڭ قاچان؟
    سوئالغا سوئال ئۇلاپ سورىماي قوي:
    شاماللار ئېپ قاچقۇسى سېنى قايان؟

    ھايات ساۋىقى

    بارمونت (روسىيە)

    سورۇدۇم ئەركىن ئۇچقان شاماللاردىن:
    بالىلىق، ياشلىق قانداق ئۆتكەن تۈزۈك؟
    چاقچاقچى شاماللاردىن ئالدىم جاۋاب:
    «يەڭگىل ئۇچ سەلكىنلەردەك سۈرۈپ تۈتەك»

    سورۇدۇم ھۆكۈرىگەن دېڭىزدىن مەن،
    نېمىدۇر ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ساۋاق.
    شاۋقۇنلۇق دېڭىز ماڭا بەردى جاۋاب:
    «مېنىڭدەك مەڭگۈ شاۋقۇن - سۈرەن سالماق.»

    سورۇدۇم ئاسماندىكى قۇياشتىن مەن:
    شەپەقتىن نۇرلۇق بولۇش قانداق ھىكمەت.
    قۇياشتىن سۈكۈت كۆردۈم نۆۋىتىدە،
    يۈرىكىم دېدى: يانماق كېرەك پەقەت.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابلىكىم خېۋىر , شېئىرلار , سەرگەردان , ھايات ساۋىقى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-2 9:35:51
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 151
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证