ئىككى شېئىر
دولقۇن جاپپار
ئەخمەتجان تۇرۇپ يازغىلى سالغان شېئىر
(ئەخمەتجاننىڭ «ھاياتقا يۈزلىنىش» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ)
بۈگۈنگە تاشلىنىش گەر ① بەخت بولسا ،
تاشلانغىن تەپتى يوق ئوتقا ، ئۇچقۇنغا .
ئەتىنىڭ باغرىدا پىچىرلانغان سۆز-
ئايلانغىن دېمەپتۇ سېنى گۈلخانغا .
جەسەتلەر قىستىسا سېنى تۆت تامدىن ،
رېئاللىق ئالدىدا جان بەرمە ئاسان .
روھ پەسلى بۇنىڭدەك تولماس جىلۋىگە ،
تېنىڭدە تۆت تال تۈك تۇرسىلا ئامان .
تۇغۇلغىن قايتىدىن ، كەل قولۇڭنى بەر ،
توپا چاچ رەھىمسىز رەسۋالىقىڭغا .
يا بىز دار ، ياكى بىز دارنىڭ ئالدىدا
ۋە ياكى بارخانلار چوڭقۇرلۇقىدا.. .
شېئىر يازمىقىڭ ھەقتۇر بۇرادەر ،
قان بىلەن ھەر ئىككى دۇنيالىقىڭغا .
يەنە قىش كەلدى
ئايالىم كىرىپ ئىشىكتىن ،
ئۈششۈك چۈشۈپتۇ ، دېدى .
ئوغلۇم غازاڭلارغا بولۇپ ھەيران
بىرسى دەرەخنى ئۇرۇپتۇ ، دېدى .
تېخى مەن باھار ھەققىدە ھېچنېمە يازمىغان ،
ياز سۈرىتىنى ھېچنېمىگە سىزمىغان .
ئېيتىپ بەرمىگەن ئوغلۇمغا چوكانتاللارنى ،
بوران ئات ئېغىلى ئالدىدا كىكەچلەپ قالغان.. .
بازار ، رەستىلەرنى ئايلىنىپ ئاخىر
تۆمۈرچىنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم بىرپەس .
كىشەن سوقۇۋېتىپتۇ بىرنەچچە بالا
قاچتى قەلبىمدىن بازغانغا ھەۋەس .
غازاڭدەك سارغىيىپ يېتىپتۇ سەندەل ،
قۇشلارغا ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ قەپەس.. .
ئايلىنىپ توختىدىم مال بازىرىدا ،
ماللار سېتىلماقتا ، ماللار ساتماقتا .
ئېرىكلەر قەددىنى رۇسلاپ
قوچقارسىز بازاردا ماختانماقتا .
كىتاب ساتقۇچى بودەك قىز ،
«ئەرلەرنىڭ سىرى»نى ئوقۇۋېتىپتۇ يالغۇز .
تەييار چۆپ تالىشىۋاتقان بالىلار
قىلىقلىرى بەك ئوماق ، بەك ئۇز .
قىش كەپتۇ ، دېدىم
جۇۋامنى قايتىدىن يېپىنچاقلىدىم .
①-(بۇ شېئىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىلى 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.)