تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› باھاردىكى ياپراقلار(ئىبراھىم نىياز)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17488
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    باھاردىكى ياپراقلار(ئىبراھىم نىياز)

    باھاردىكى ياپراقلار
    ئىبراھىم نىياز


    ھايات، سىرلىرىڭنى كۈندە بىلگۈم بار

    ھايات سىرلىرىڭنى دېڭىز دەپ بىلدىم،
    غەرق بولغىنىدا تالايلار سەندە.
    بۈگۈن باشلىرىغا توننى كىيگەنلەر،
    ئەتە ئۇچىسىغا كىيەركەن جەندە.

    سەندە ھېكمەت تولا، قىسمەتمۇ تولا،
    ئۇدۇل جەننەتكىلا بارمايدۇ ھېچكىم.
    بۈگۈن كۈلۈپ باقتىڭ ماڭا شۈبھىسىز،
    ئەتە ئېغىر قىسمەت پۈتۈرسەن بەلكىم.

    سەندىن رەنجىشىممۇ باھاجەت ئەسلا،
    سېنىڭ دېڭىزىڭدا بولغاندا غەرق.
    ھايات - ماماتلىقنى ئۇچرىتىپ تۇرغىن،
    شۇندىن ياخشىلىقنى ئېتەرمەن پەرق.

    ئادەم ئادەملەردىن بولغاندا بىزار،
    سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى قالىمەن سۆيۈپ.
    سېنىڭ قەدرىڭ قانداق ئۆتۈلسۇن دەيسەن،
    ئىشقى ئوتلىرىڭدا يۈرمىسەم كۆيۈپ؟...

    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول

    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول،
    تۇتىشىدۇ سېنىڭ ئۆيۈڭگە.

    غېرىپ - مىسكىن يول
    كۈيلىرىممۇ غېرىپتۇر مەندەك.
    تەنھالىقتىن تېرىپ قويدۇم گۈل،
    ئۈنۈپ چىقار بەلكىم ھەشىقپىچەك.

    بۇ يولدا
    كېلىدۇ مىسكىن دېھقان بالىسى،
    كىم بىلىدۇ؟
    دەردلىرى قايسى.
    ئۇچراپ قالىدۇ قەدىمىي ناخشا،
    ئىزدەپ يۈرەر ئۇنى ئىگىسى...
    شۇنداق بىر كۈنى.
    چۈشۈپ كەتتى ئىبراھىمنىڭ ئىچىگە ئۈنى.
    چۈشلەر بۇزۇلدى
    كۆڭۈل تۇتۇلدى،
    ئاي چىقمىغان قاراڭغۇ تۈنى.
    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول،
    دادامنىڭ ئېتىزلىقىغا كەتكەن تۇتىشىپ.
    دادام يوغان كەتمىنى بىلەن،
    يول بويىدا يۈرەر سۇ تۇتۇپ.

    دادا
    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول،
    بارار سېنىڭ قەلبىڭگە ئۇدۇل.
    قەلبىم چەكسىز يايراپ كېتىدۇ،
    قوللىرىمنى سىققاندا بىر قول.

    شۇنداق دەيتتىڭ:
    كۈلۈپ تۇرۇپ جان بەر ھەقىقەتكە.
    ئايلىنىپ قالما ھەرگىز ئەخلەتكە!
    جان چىقسىمۇ، چىقارمىغىن ياش
    بوپقالمىغىن بىچارە گۆشباش...
    ياشاپ كەلدىم شۇنداق ئارماندا،
    يېقىن تۇرۇپ قەلبىڭگە دادا...
    ئىزلىرىمنى ئاختۇرۇپ باققىن!
    يۈز كېلىمەن ساڭا - ۋىجدانغا...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئىبراھىم نىياز , باھاردىكى ياپراقلار , ھايات , چەكسىز كەتكەن يول ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-2 2:03:38
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 174
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证