قېنىم
تەلئەت جېلىل كەنجى
بۇلغىمايمەن سېنى مەڭگۈگە،
جېنىم پىدا پاكلىقىڭ ئۈچۈن.
سېنىڭ بىلەن بولغان نامايەن،
چىرايىمدا تاڭدىكى ھۆسۈن.
سەن ھۆكۈمران جانۇ - تېنىمگە،
سېنىڭ بىلەن تۇرىمەن مەزمۇت.
سەن بولغاچقا كەلگەن كېرەككە،
چىۋەر - چاققان بىر جۈپ بىلەك - پۇت.
ئېقىپ كىرىپ بولدۇڭ كۈچ - مادار،
سەن ئاتامنىڭ تەن - ۋۇجۇدىدىن.
تاپتىم سۇنماس غەيرەت - ئىرادە،
سەن ئارقلىق ئەجدات روھىدىن.
ساقلاپ كەلدىڭ مەۋجۇدلىقىڭنى
سەن ئەسىردىن ئەسىرگە ھالقىپ.
سېنىڭ بىلەن ياشىدىم مەغرۇر،
تىنىم يايراپ، ئەقلىمنى تېپىپ.
سېڭا سىڭگەن ئاتا - بوۋامنىڭ،
مەرت - باھادىر قەيسەر خىسلىتى.
سېنىڭ بىلەن ئاشقان تېنىمنىڭ
پۈتمەس ئۇلۇغ كۈچ - جاسارىتى.
مەن يارالدىم سەن بىلەن كۈلۈپ،
بار سېنىڭدە ئىلاھى قۇدرەت.
بەردىڭ ماڭا غەيرەت، ئەقىل، كۈچ،
تاپار ئەجرىم سەن بىلەن قىممەت.