تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئۈچ شېئىر(مەسئۇد ئەيسا)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئۈچ شېئىر(مەسئۇد ئەيسا)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14049
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 430
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
ئۈچ شېئىر
مەسئۇد ئەيسا



تۈن،  كېزىمەن كوچىلارنى...

يەتتى كېچىنىڭ قەدىمى،
بۇ — دەل سۈكۈتنىڭ باشلىنىشى.
خىياللارنىڭ مۇنبەت ئېتىزى:
قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسى!

تۈن،  كېزىمەن كوچىلارنى...
يۈرەكنى قاپلىغان تىترەك.

دەرەخلەر جىمجىت،  تۈن ئاقار تىنچ،
مەيۈس قەدەملىرىم بىلەن.
قەدىم،  بۈيۈك كوچىلارنى،
كېزىمەنۇ... كېزىمەن...
نېمىلەرنى ئىزدەر كۆزلەر؟
نېمىلەرنى سېزەر يۈرەك؟
تۈن ئاقار سىماب كەبى،
تاش كەبى سىڭەر كوچىلار،
سىڭدىم مەنمۇ قەغەز پارچىسىدەك.
قويدى مېنى ئالدىرىتىپ ئويلار،
كوچىلاردا قالدى مەندىن پەقەت
مەيۈس،  سوغۇققىنە،  ئاھ ۋە تىترەك!

كېچە شاپائىتى

يېتىپ كەلدى ئاخىرى زېمىنغا كېچە،
يېيىپ قاناتلىرىن ئالدى ھاردۇق.
يۇمران،  ئىسسىق مامۇق قانات ئاستىدا،
سۆيگۈسىگە قاندى ئاشىق-مەشۇق!

ھايات — شاختىكى شېرىن ئالما

ھايات — شاختىكى شېرىن ئالما،
ئۈزۈپ كېتەر ئۇنى ئۆلۈم.
بىلىپ بولالمايسەن ھېچ،  كىتابىڭ —
نەچچە باب-نەچچە بۆلۈم؟

بەزەن بەتلىرىدە شادلىق،
بەزەن بەتلىرىدە ئاچچىق.
ئېزىش ئىنسانغا تالىق،
لېكىن
قىيىن ئەمەس
ھاياتنى سۆيۈش

ھەسرەتلىك كۆڭلۈم

دەردىڭنى ئېيتارسەن كىمگە،  ھەسرەتلىك كۆڭلۈم،
ساڭا پىچاقنى سالغان ئۆز قولۇم.
كەتتى دوستلار مېنى تاشلىشىپ،
توساقلارغا تولدى يولۇم.
چۈشتۈم ھەسرەتنىڭ ئالىقىنىغا دەل،
دوستلار ئايلاندى دۈشمەنگە.
پۇل كۈچىنى كۆرسەتمەكتە غادىيىپ.
كۈن نۇرىمۇ قىيپاش چۈشمەكتە،
غېرىب-غۇۋار كۈلبىلەرگە.
مانا مۇشۇنداق جاھان قىسمىتى،
قالدى نەلەردە دانالار ھېكمىتى؟
غۇنچە غېرىبلار ئالدىدا،
ئەي ھەسرەتلىك كۆڭلۈم،
سېنىڭ غېرىبلىقىڭ نېمىتى؟


مۇھىم خەتكۈچلەر : مەسئۇد ئەيسا , ئۈچ شېئىر , تۈن , كېزىمەن كوچىلارنى... , كېچە شاپائىتى , ھەسرەتلىك كۆڭلۈم
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-2 1:50:50 باھا : 0 كۆزىتىش : 10
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证