تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئىككى شېئىر(ئابدۇقادىر جۈمە تۇنيۇقۇق)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئىككى شېئىر(ئابدۇقادىر جۈمە تۇنيۇقۇق)

    ئىككى شېئىر
    ئابدۇقادىر جۈمە تۇنيۇقۇق



    مىراجىخان

    كاككۇك كەلسىمۇ ھېچ كەلمەيدىغان،
    قايتىلانماس يارىدار تۇيغۇ،
    دۇتار بىلەن تۆكۈلەر ئاستا،
    تۇتقۇن قۇشتەك ۋاپادار قايغۇ.

    مىراجىخان ئۇ قانداق ناخشا؟
    ئۇ قاچاندىن مەڭگۈلۈك جانان؟
    ئۇ ھىجراننىڭ گۈزەل يامغۇرى،
    ئۇ يۈرەكتىن تاشقان تامچە قان.

    مېنى يەنە قويمىغىن داغدا،
    ساڭا مەڭگۈ بەخشەندىدۇر جان.
    سەن قايرىلغان دوقمۇشتا كۈتۈپ،
    ئۆلمەكتىمەن... ئاھ،  مىراجىخان...

    قىش كېچىسى

    يادىمدا شۇ كېچە مەن سېنى سۆيگەن،
    يۈرىكىم جاھانغا سىغىشمىغان ئۇ دەم.
    خۇش ھىدىڭ تەپتىدىن ئېرىگەن ۋۇجۇد،
    قار يېغىپ تۇرسىمۇ ئاستا لەپىلدەپ.

    شۇ كېچە تەشۋىشتىن خالى ئىككىمىز،
    بىغۇبار تىترىدۇق مۇزىكىسىمان.
    يوقاتتىڭ ئۆزۈمنى بارلىقىمنى ھەم،
    بەختتىن مەست بولغان كۆزلىرىڭ بىلەن.

    بىر تامچە ياش كەبى دېڭىز كۆزۈڭدىن،
    ياغامدۇ يامغۇر بوپ سېنىڭ شەھىرىڭدە.
    قىش بولۇپ كېتەمدۇ يا ۋۇجۇدۇڭ ئېرىپ،
    شۇ كېچە ئېسىڭگە شۇ چاغلار يەتسە.

    نېمىشقا

    خىيالمۇ ئەمەسسەن ياكى كۆز يېشى،
    نېمىشقا روھىمنى قىلىپ قويدۇڭ نەم؟
    ئاي نۇرى خىلۋەتكە سېپىلسە خىرە،
    نېمىشقا بويۇمغا يۆگىشىپ مەھكەم؟

    نېمىشقا قۇرلارغا قوشۇلۇپ ئەركەم،
    شۇ ئاچچىق چۈشلەرنى قىلىسەن ئايان؟
    مۇھەببەت كۆزۈڭدە لىغىلدىسا لىق،
    نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس ھاياجان؟



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇقادىر جۈمە تۇنيۇقۇق , ئىككى شېئىر , مىراجىخان , قىش كېچىسى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-1 23:35:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 151
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证