تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئىككى شېئىر(تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئىككى شېئىر(تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز)

    ئىككى شېئىر
    تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز



    كېچىدە قايتىش

    جىلمىيىدۇ سۈكۈتتە خىيال،
    بارماقتىمەن ياتاققا يالغۇز.
    قۇشلار ئۆلگەن... كۆكتە ھەم بۇندا
    ئوخشاپ قالغان تاشلارغا يۇلتۇز.
    مۇڭداشسىراپ كەتتىم شۇ قەدەر
    تەقىپلەنگەن قۇشمەن ئىچىمدە.
    بۇندا ئىشىك، دېرىزە، يۈرەك
    بەكمۇ مەھكەم قويۇلغان تاقاپ.
    يۇلۇپ سېلىش مۇمكىن كېچىنىڭ،
    چاچلىرىدىن تۇتقانچە قاماپ.

    بارماقتىمەن ياتاققا.
    شۇندا —
    بەرىبىر تۈن باسقان ئۇ يەرنى،
    قەلبىمدىن كۆپ يىراقتا بىر ئۆي،
    بەلكى ئېچىپ قويۇلغان كەڭرى.

    سۆيۈش جىلغىسى

    تىترەيدۇ كىرپىكىم ئۇچىدا بۇ تۈن،
    شۇقەدەر تەنھالىق ئۈزەر يوللاردا.
    يالقۇندەك پارلىنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز،
    مەڭگۈلۈك قۇش بولۇپ ئۇچار قېنىمدا.

    سۈكۈتكە كۆمۈلۈپ تۇرار دەرەخلەر،
    ياش بولۇپ ئاقماقتا ھىلالنىڭ تېنى.
    ۋۇجۇدۇم سېغىنىپ تۇرماقتا بۇدەم
    ئېھ، تېنىڭ يېرىلغان چەكسىز كېچىنى.

    سەن يېقىن شۇقەدەر،
    ھەم يىراق شۇنچە
    يالقۇنلار مەۋجىدە تۇرىسەن كۆيۈپ.
    ئەگەر سەن چۈشۈمگە كىرمىسەڭ روھىم —
    سەھەردەك قان قۇسۇپ كېتىدۇ ئۆلۈپ.

    تىترەيدۇ دەرەخلەر، يوللار ۋە ۋاقىت،
    تەنھالىق تولىمۇ سوزۇلغان يىراق.
    ئەۋجىمدە نۇر بولۇپ سەنكى، مەلىكەم
    كۇمپەيكۇم تۈنىمگە ياقىسەن چىراغ...!



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز , ئىككى شېئىر , كېچىدە قايتىش , سۆيۈش جىلغىسى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-1 23:27:57
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 266
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证