ئايرىلىش
ئەدھەم ئىبراھىم
مەنزىلگە يەتمەيلا قايرىلدى يوللار،
يىراقتىن قارىمىز كۆرۈنگەن دەقىق.
يۈرەكلەر ئېغىشىپ تۇرۇشسىمۇ گەر،
ۋىجداننىڭ سوتىدا قىلىندى تەقىپ.
ناۋادا دوقۇرۇپ قالساق دوقمۇشتا،
تىترەيدۇ يۈزلەردە سارغايغان شادلىق.
كېتىسەن، كېتىمەن قالىدۇ دىلدا،
ھىجران ئازابى خۇيلىنىپ تاتلىق.