ئىككى شېئىر
مۇھەممەتجان ئەمەت يارتېكىن
سوۋغات
سورىما مېنىڭدىن باردىڭ دەپ قايان ،
بالقىيدۇ خىجىللىق نەزمەم قۇرىدىن .
بىر نەپەس خۇش پۇراق ، بىر چاڭگال يۇلتۇز ،
ئەكەلدىم بىر ئوتلام تاڭنىڭ نۇرىدىن .
نامراتمەن قول يەتمەس جاۋاھىرلارغا ،
مەنمەنچى ياقۇتقا ئۇزاتمىدىم قول .
تولمىغان ھىلالنى ساڭا تۇتقۇم يوق ،
بېيىدى تەپەككۇر ، كىيىملەر جۇل-جۇل .
بىر ئاسمان كەلگۈدەك ئوتلۇق قۇچاقلاش ،
بىر دېڭىز تاشقىدەك قايناق ھاياجان .
يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك يانغان بىر ئۈمىد ،
جەسۇر بىر ئىرادە ئەكەلدىم ئاران .
ئۈزۈم
سەن كىمنىڭ مارجىنى ئاستانىدىكى...؟
ئۇ كىمنىڭ بەللىرى چەمەچتەك زىبا؟
كەلمەيدۇ چارتالغا ئوخشاتقۇم سېنى ،
يوق سېنى ئوخشاتقۇم زۇمرەتكە يانا .
بېجىنبوش ئادەمنىڭ يېشى سەن ئەمەس
جاراستاندا سەنسىز بەزمە يوق
ئاچقىزىل تاشگۈللەر ئوخشىماس ساڭا
تاشئېگىر غوزىسى سېنىڭچە ئەمەس ،
تىللا قوڭغۇزىدا سېنىڭچە نۇر يوق
بىلىمەن دېڭىزدا سېنىڭچە دۇر يوق .
تۆرپە بىر ئەپسانە داستىخاندا يوق .
چاتقالنى تەلۋە تاللاردىن سوراڭ .
ئەمەس تام پوتلىسى ساڭگىلاپ تۇرغان ،
كۆزۈڭدە يۇلتۇزدەك مارىلاپ تۇرغان
ئىدىقۇتنىڭ مەرۋايىتى ئۇ
تۇغۇچەكتۇر ئۇ
ئۈزۈم تاللىرىدا جىلۋىلەر ئۇرغان .
جىمجىت ئۇيغۇردەك ئۈزۈمدە تۇرپان .
جىگدىچى دورايدۇ ئادەمنى ئەمما
ئۈنچىلەر كۈلگەننى دوراپ بولالماس ،
چىرايلىق ئاۋازى جەننەت قۇشىنىڭ
لېكىن تەك قىزىدەك سايراپ بولالماس
سەن چېكىم ئالماستەك ئاتەش يۇرتىدا
جاھان ئىشتىھاسىغا پىلتە ياقىسەن ،
ئەسىردىن ئەسىرگە ئاپئاق ئاقىسەن
نان بىلەن يەي دېسەم نانەنگىر بولدۇڭ
مېۋىلەر ئىلىدە جاھانگىر بولدۇڭ
سەن كىمنىڭ مارجىنى ئاستانىدىكى
ئۈزۈلسە يىپلىرى چېچىلىپ كەتكەن...؟