تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› غەزەپ ۋە زار(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17298
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    غەزەپ ۋە زار(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

    غەزەپ ۋە زار
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر



    ئەي پەلەك،بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،
    ئىستىدىم كۆپ،تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.
    ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
    گاھ ئۆلۈپ،گاھ تىرىلىپ،كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
    بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان،بېغىم باھارى گۈلىنى،
    ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
    دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرۈر مىسالىغا،
    قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
    يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
    كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.
    لا ئەقىل دەپ ئويلىدى،چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
    يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار،كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.
    قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ،دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،
    مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.
    پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،
    بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.
    چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،
    ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
    سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،
    مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.
    ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،
    مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
    مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
    ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،
    ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.
    تىل-ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!...بۇ جاننى قىينىدى،
    ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.
    زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى
    تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
    دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
    جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق،تاپمايسەن باشقا چارىسەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇخالىق ئۇيغۇر , غەزەپ ۋە زار
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-31 9:23:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 226
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证