تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› بىر سايە بار قۇياش كەينىدە(مۇسا ئەھەد)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىر سايە بار قۇياش كەينىدە(مۇسا ئەھەد)

    بىر سايە بار قۇياش كەينىدە
    مۇسا ئەھەد



    كەلسەڭ ئۇچۇپ كەپتەر بوپ گويا
    نەگە كەتتىڭ، يوقالدىڭ نەگە،
    كىمگە ئېيتاي ئەمدى دەردىمنى.
    ئايلاندىمۇ سىرلىق گۆھەرگە،
    كىملەر بىلەر سەندەك قەدرىمنى.

    ئايلاندىڭمۇ سىرلىق گۆھەرگە،
    دىدار پەيتى بولدى تۇتىيا.
    داغلار يۈتتى، يۈتمەيدۇ نېچۈن،
    قىسمىتىڭگە سىڭگەن شۇ يارا؟

    دىدار پەيتى بولدى تۇتىيا،
    چۈشلەر ئىچرە ياشامدۇق ھامان.
    كەلسەڭ ئۇچۇپ كەپتەر بوپ گويا،
    خامىنىڭغا سېپەلمىدىم دان...

    يۇمران غۇنچە ئىدىڭ زار ئۆتكەن

    ئەجەب داغدا قالدى بۇلبۇلۇڭ،
    گۈللىرىڭنى كىملەر توزۇتتى.
    سېنى شادلىق بېغىدىن قوغلاپ
    دەرد چۆلىگە كىملەر ئۇزاتتى ؟

    كەتتىمۇ يا چۈش كەبى توزۇپ،
    ھىلال ئايدەك پاك لىۋەن تۇرقۇڭ.
    تاپاي نەدىن ئەمدى خىلىڭنى،
    گۈل قېتىغا سىڭدىمۇ خۇلقۇڭ.

    قىسمىتىڭنىڭ تەتۈرلۈكىنى،
    ئۆتەي قانداق ئارتىپ تەقدىرگە.
    يۇمران غۇنچە ئىدىڭ زار ئۆتكەن،
    تۇغۇلۇپلا قانماي مېھىرگە.

    گۈل خىيالدىن ئويغانغان سەھەر

    1

    گۈل خىيالدىن ئويغانغان سەھەر،
    كېچىدىكى جىمجىتلىقىمنىڭ
    يىلتىزىدىن بوي تارت بىخلىنىپ!
    كەچكۈز رەڭگى كۆچكەن مەھەللەمگە،
    چىقارسەنمۇ پۇلاڭلىتىپ قول
    كۆكلەم رەڭگى بېرىپ مەن يەنە
    بوسۇغاڭغا كەلسەم چايقىلىپ!

    2

    تۈرۈم-تۈرۈم قوڭۇر چاچلىرىڭ،
    ئۇپقۇنىدا ئاداشقان يەلكەن،
    يەم بولارمۇ خادا تاشلارغا،
    يا قىرغاققا چىقارمۇ ئېسەن،
    تاغلىرىڭدىن ئوۋلىماي جەرەن.

    3

    تارتىشىدۇ كىمگە يۈرىكىڭ،
    ئويچان كۆزۈڭ باقار كىمگىدۇ.
    قاي قىسمەتكە مەھكۇم تىلىكىڭ
    تىترەپ تۇرغان شەنبەمدەك تۇرقۇڭ،
    چۆلدە تەنھا مۇڭلانغان ئاھۇ.
    كىرپىكىڭدىن سىرغىيدۇ زىلال،
    نازۇك قەدرىڭ چايقالسا ھەربىر،
    بولدى ئەركىڭ كىملەرگە قامال؟



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇسا ئەھەد , بىر سايە بار قۇياش كەينىدە
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-31 7:55:08
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 112
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证