شېئىرلار
مەخمۇتجان يانتاق
تاش زامان ئادىمى
تىترەپ تۇرىمەن يېغىپ تۇرار قار
زامان بىزنى ئېقىتىپ بارار!
نەدىسەن ئامرىقىم؟ بۇ كەمگىچە يوق
غەملەرنى يانداپلا ئۆتۈپ كەتكۈم بار.
ھېچكىمنى سۆيمىسەم دەيمەنغۇ ئاخىر
ھېچكىشى سۆيمىسە ئېپكېتىمەن ھار!
ھەممە يەردە تاش ئىزنالىرى
تاش نان
تاش ئىدىيە
تاش پەلسەپە...
تۆتىنچى قىز
غايىپ بوپكەتكىنىڭ بەلكىم ھەقىقەت.
ئاسمان بىلەن نۇر ئوتتۇرىسىدا
چېچىڭنى تاراپمۇ قويمىدىڭ ئەركەم.
ئادەملەر تاش ئارىسىدىن مارىلىماقتا
ساڭا كۆيۈپ ئەسەبىيلىكى تۇتقاندا.
ئەڭ شەخسىيەتچى گۇناھكار ھەركىم
ئاپتاپ كەينىدە جان تالاشقاندا.
مەن ئەقلىمدىن ئېزىپ قالىمەن...