تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق(ئابدۇرېشىت ئېلى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 4
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق(ئابدۇرېشىت ئېلى)

    بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق
    ئابدۇرېشىت ئېلى



    جىملىق ئۈچۈن

    نەدە ئۇ جىملىق؟...
    كىتابلار قېتىدىن چىقماقتا
    جەڭ ئاتلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى.
    ئوغلۇم يىغلار چېچىمنى تارتىپ
    چۈشتى دەپ كۆزۈمگە تۈننىڭ ياشلىرى.

    تامدىكى رەسىمدە بار ئىدى قېيىق
    لېكىن سۇ كەتكەن ئۇخلىغىلى دەرياغا.
    كۆزلىرىم تونىلىدا كېلەر بىر پويىز
    كىمدۇر مېنى كۈتەر ئاۋغۇست ئايلىرىدا.

    چاچلىرىم چۈشۈپ بېشىم يانماقتا ئوتتەك
    ياشلىق ھېسلىرى سايە ئىزدەر ئارىسىدا ئۈچ بىلەن نۆلنىڭ.
    ئوڭۇشسىزلىق ھاياتنىڭ ئىمتىھان قەغىزى،
    بىز تەلپۈنگەن پاكلىقتۇر مەنىسى چۆلنىڭ...

    مەن بۇنداق ئويلىمايتتىم
    موھتاج بولمىسام بىر لەھزە يالغۇز قېلىشقا.
    ئىشىكىمنى چەكسەڭ ئەي مەغلۇپلۇق،
    چاقىرساڭ مېنى يەنە چېلىشقا!

    ماڭا تەۋە بولمىغان ۋاقىت

    يالغۇزلۇقنىڭ سۈردۈم پەيزىنى
    ماڭا تەۋە بولمىغان كۈندە.
    دېرىزەم ئايلىنىپ قىزنىڭ كۆزىگە
    شەرەت قىلدى دالىنى
    چوڭقۇر، ئوتلۇق بىر ئۈندە.

    قۇشلار باياۋاندا
    مەن ئەزەلدىن بولمىغان دەرەخ.

    سۈيلەپ تۇردى سىمۋول مېنى
    ئۆزگەرتكىن دەپ مەنىسىنى جىملىقنىڭ.
    كىتابلار ئۇپرىدى بوۋامدىن قالغان پىچاقتەك
    كۆكرىكىمگە شۈكرى قىلدى بۇ ھارغىن يۈرەك.

    قارىدىم
    سائەتتىكى بەش چۈشتى ئەينەكلەر ئارىسىدىن.
    فېۋرال ئايلىرىدىكى كۆڭۈلسىز شامال
    ئىشىكىمنى چەكتى ئاھ، بىردىن.

    بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق

    بىرىنچى يار نان ئەمەس
    ئاچ قالغاندا يېگىلى.
    ياكى گۈزەل ئىسسىق سۆز
    ئايالىڭغا دېگىلى.

    مارت شاماللىرىدەك يۈرىمەن كوچىلاردا
    قاچار مەندىن كىشىلەر
    پەقەت يالىڭاچ دەرەخلەر ئاچار قۇچاق.
    دېھقان جان بەرگەن ئېتىزلىقلاردا
    ياڭرار جىمجىت بىر قوشاق.

    مۇھەببەت دېگەن ئوتۇندىن
    قالدى ئاشۇ ئۆچەي دېگەن چوغ.
    ئىككىنچىنى ئۈگىنەلمەي كېتەرمەنمۇ دۇنيادىن؟
    -دادا!
    ئوغلۇم قولىنى سوزدى كۆكتىكى ئايغا...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرېشىت ئېلى , بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-31 7:43:31
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 330
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证