ئىككى شېئىر
تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگ
يايلاق سەھىرى
سىڭمەكتە شەبنەمدەك تۇيغۇمغا سەھەر،
يايلاقنىڭ باغرىنى تىلغان چىغىريول.
كۈچلۈك بىر ئېچىرقاش تۆكەر سوغۇق تەر،
ئىسسىق بىر مەنزىلگە سوزغىنىچە قول.
يالغۇزلۇق يىرتىدۇ باغرىمنى قات-قات،
يېيىلار ئالەمگە چەكسىز ياش يۇقى.
قولۇمنىڭ ئورنىدا بولسىچۇ قانات،
ئاھ! ئارمان چېچەكلەر ئىدى بىر يولى.
تەبىئەت لېۋىمگە سۆيدى مېھىرلىك،
يوللاردىن سۇس تۇمان ئۆرلەيتتى بۇ پەيت.
يەلپەنەر مەرۋۇي گۈل شۇقەدەر يېنىك.
ئېھتىمال بۇ سەھەر مېنى قىلدى مەست.
چۇگىرى چوققىسى
ئېقىپ ئۆتتى مېنىڭ تىنىقىم،
مۇزلۇقلارغا تىۋىنغان يۈرەك.
يۇلتۇزلىرىڭ يېقىنلا يەردە
جىنچىراغدەك ئېچىپتۇ چېچەك.
ئاپئاق باھار يەلپۈنۈپ لەرزان،
ئاھ، نېيىمنىڭ كۈيىنى سۆيەر.
غۇر-غۇر كۈيدە كۆك ئاسمان بىھوش،
رەڭ ھەم قىيا لەيلىشىپ يۈرەر.
كېچە تىلى تۇتۇلغان شۇتاپ،
مۇزلۇقلاردا تۈنەر ئاي نۇرى.
ئۇ ئۆگىتەر شامدەك يىغلاشنى،
ئۇ ئۆگىتەر كۈندەك كۈلۈشنى
ئۆكسۈپ يىغلار قەدىمدىن بېرى...
ئۆكسۈپ كۈلەر قەدىمدىن بېرى