تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› چېكەتكە(زامانىدىن پاكزات)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
چېكەتكە(زامانىدىن پاكزات)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14048
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 384
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : بار
چېكەتكە
زامانىدىن پاكزات


چېكەتكە،
بارماستىنلا مەكتەپكە،
ھەركۈنى كەچتە،
ئۆزىنىڭكى ئۆيىدە،
شىۋاقلارنىڭ تۈۋىدە،
ئۆزى ناخشا ئۆگەنگەچكە؛
كۈچەپ، دىر-دىر دىرىلداپ،
توختىماستىن چىرىلداپ،
(كۆزلىرى پولتىيىپ كەتكۈچە)
ئۆگىنىپ بولالمىدى ناخشىنى،
چىرىلداشتىن باشقىنى.
نەدە بار
ساي كۆرمىگەن ئۆچكىنىڭ،
قىردىن ئاشقىنى؟!
ئەگەر چېكەتكە،
بارسا مەكتەپكە
تورغاي ئۇنىڭغا مۇئەللىم بولىدۇ.
ناخشىنىغۇ ئۆگەتسە خوپ،
سەللا ئۆتسە سەۋەنلىك
(ھەركىم كېلىدىغۇ ئېۋەنلىك)
تورغاينىڭ قاتتىق ئاچچىغى كېلىدۇ،
چېكەتكىنىڭ كۆزىنى ئاچمىغى كېلىدۇ،
شۇنىڭغا دۆڭگەپ
«ۋاي نانقېپى!» دەپ،
سالار ئۇنى يەپ!
تورغاي چېكەتكىگە مۇئەللىم بولىدۇ،
ئۇنىڭ ئەزىز باشىگە زامىن بولىدۇ،
بۇ ساۋاقنى بىلگەن چېكەتكە،
ئوقۇمىسىمۇ ئالىم بولىدۇ.


مۇھىم خەتكۈچلەر : زامانىدىن پاكزات , چېكەتكە
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-30 8:10:27 باھا : 0 كۆزىتىش : 8
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证