نەۋرۇز ناخشىسى
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي
بۈگۈنكى دۇنيادا،
مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بار؛
شەرەپشان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ شۇ قاتاردا بار.
نەۋرۇز— ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدۇر؛
ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەكلەر مۇھەببەت قاينىمىدۇر.
بۇ نەۋرۇز ئەمەلىيەتتە، ھېيت – بايراملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
ئۇنىڭ بار بولغاي مۇنداق بىر مەخسۇس ناخشىسى:
يىلنىڭ باش بېتى نەۋرۇز.
زېمىن زىننىتى نەۋرۇز،
نەۋ ھايات بېشى قۇتلۇق،
ئاللاھ نېمىتى نەۋرۇز.
ئېسەر ئىللىق شوخ شامال،
ئىغاڭلار شاد چوكانتال.
ئېتىزدا ئۈنەر مايسا-
دېھقان ھىممىتى نەۋرۇز.
قايتۇرۇق: يىل گۈل-غۇنچىسى نەۋرۇز،
دىل دۇر-ئۈنچىسى نەۋرۇز.
ئېرىقلاردا ئوينار سۇ،
باغلاردا چېچەك خۇشبۇي؛
جىمى جانلىق ئويغانغان،
تەبىئەت ھېكمىتى نەۋرۇز.
ھەر كىم بەيگىگە ھازىر.
پۇقرا سەن، مەيلى نازىر.
دىللاردا يېڭى ئارزۇ،
ئاتلان سائىتى نەۋرۇز.
قايتۇرۇق: يىلنىڭ بەرىكىتى نەۋرۇز،
ئەلنىڭ ئەمگىكى نەۋرۇز.
مەردانلار چېلىش بىلەن،
ھايات پەيزى يېڭىش بىلەن.
نۇسرەت كۆكىدە جەۋلان،
ئىشچان قىممىتى نەۋرۇز.
ئوغۇزدىن مىراس قالغان،
ئۇيغۇر ئالەمگە يايغان.
قەلبلەر تۆرىدە مەڭگۈ-
مېھمان ئىززىتى نەۋرۇز.
ئامانەت بۇ ئەجدادتىن،
داۋام ئەتمەك ئەۋلادتىن؛
بولغاي باغ تەكلىماكان،
ئانا يۇرت ھۆرمىتى نەۋرۇز!
قايتۇرۇق: يىلنىڭ باش گۈلى نەۋرۇز،
يۈرەكنىڭ بۇلبۇلى نەۋرۇز.