پىچاق ئاسقان ئەر!
غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتزور بەدەل تۆلەر دىل ئەسلەشكە بىر رەت،
ئۇنىڭ شاپ بۇرىتىنى تولغاشلىرىنى.
ئۇنتۇشچۈن بىر ئۆمۈر قىينىلار ئادەم،
ئۇنىڭ كۆك يالقۇنلۇق چوڭقۇر كۆزىنى.
رەستىنى تىرىتىپ كېلەر ئۇ گۈس گۈس،
ئۆلگىلى ماڭغاندەك ئۆلتۈرگىلى ھەم.
كۆڭلىكى ۋەرت - ۋەرت يىرتىلىپ تۇرار،
چىڭقالغان بەستىگە چىدالماي ھەردەم.
سەن كىم دەپ سوراشقا بولمايدۇ ئەسلا،
ئۇنىڭچۈن ئانا يەر بېرىدۇ جاۋاپ :
ئۇ يۈز يىل بۇرۇنقى پىچاق ئاسقان ئەر،
ۋە يۈز يىل كىيىنكى ئەسلەنگەن ئازاپ.
«قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.