تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14048
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 372
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
شىۋېتچىدىن تىۋىش تەرجىمىسى


قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتۈپ قالاي دېگەنىدى.بۇ ۋاقىتتا ئېكسپىدىتسىيە سەپىرىدە بولىۋاتقان سىر ئاۋرېل ستېئىن(Aurel Stein)قەشقەرگە كېلىپ بۇ يېڭى سېلىنغان كونسۇلخانىغا چۈشىدۇ.ئۇ بۇرۇن بىر  قېتىم بۇ كونسۇلخانىغا كەلگەنىدى.ئۇ ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشى سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ماڭىمۇ كۆپ ياخشى تەرىپىنى قىلدى.
   ئۇنىڭ ھىندىستان ۋە  شىنجاڭدىكى خەلقلەر ئۈستىدىكى سېلىشتۇرمىسى ۋە خۇلاسىسى مېنى ھەيران قالدۇردى.ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق ھۆكۈمگە كەلگەنىدى:
   «ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىيلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرى مەۋجۈت بولۇپ،تىرىشچان ۋە تەرەققىيپەرۋەر كېلىدۇ، بۇ خىل خاراكتېرنى ھىندى خەلقى ئارىسىدىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.مەسىلەن، مەن سەپەردە بىرەر يەرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدە قوناقتا قالسام، ئۆزۈمنى ناھايىتى بەھوزۇر ھېس قىلىمەن، تاماقلىرىنى بىمالال يىيەلەيمەن، بىر ياۋروپالىق ئۈچۈن ھىندى ئائىلىسىدە تۇرغاندا بۇ خىل شارائىتتىن ھوزۇرلانغىلى بولمايدۇ.گەرچە قۇرۇلۇش ئەڭ ئىپتىدائىي ئەمگەك ۋاستىلىرى ۋە ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بۇ زېمىندىن قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تاپقىلى بولىدۇ.ئۇلار پەقەتلا تەربىيىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج».
   ئەينى ۋاقىتتا، قەشقەردىكى روس كونسۇلخانىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنجېنىرى روسىيىلىك ئۇستاملارنىڭ قولىدىن چىققان دەرىزە ۋە ئىشىكلەرنى ئاتقا بېسىپ 50-60 شىۋېت  مىلى يول يۈرۈپ بۇ يەرگە ئەكەلدۈرمەكچى بولغانىدى.ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ ، ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئايۋانلىرىدىكى تۈز ھەم سىپتا چىققان ياغاچچىلىق ۋە تامچىلىق ھۈنەرلىرىنى كۆرۈپ،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھۈنەرلىرىدىن ھەيران قالىدۇ ۋە چوقۇم ئۇلار مەلۇم بىر روس ئۇستامدىن تەلىم ئالغان بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلايدۇ.

   مىسسىئونېر بەكلۇند (Magnus Bäcklund )ياغاچچىلارنىڭ پىرى دەپ نام ئالغان بولۇپ ،ئۇ ياۋروپاچە ئىشىك ،دەرىزە ياساش ھۈنەرلىرىنى ئۇيغۇر شاگىرتلىرىغا ئۆگىتىدۇ.ئۇنىڭ بىر شاگىرتى قەشقەر بويىچە ئەڭ ئۇستا ياغاچچى بولۇپ قالىدۇ.شۇ تەرىقىدە باشقا مىسسىئونېرلار تامچىلىق، لايچىلىق، قۇيمىچىلىق ھۈنەرلىرىنى ئۇلارغا ئۆگىتىدۇ.ئۇيغۇر شاگىرتلار بىلمىگەن نەرسىلىرى بولسا 'شەيتان 'دەپ ئاتىشاتتى.

   ئۇيغۇرلارغا ھۈنەر ئۆگىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئۆزىنى سىڭدۈرۈش لازىم ئىدى.بۇ بىزدىن بىلىم ۋە سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلاتتى.

تامچىلار


كونا قۇرۇلۇش ئۇسۇلى


ياغاچچىلىق ۋە خارەتچىلىك


قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى


John Törnquist يۇقارقى سۈرەتلەرنى ئەينى ۋاقىتتا تارتىۋالغان. 


مۇھىم خەتكۈچلەر : قەشقەر , قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-30 1:57:25 باھا : 0 كۆزىتىش : 31
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证