تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› پەلسەپە ›› پايدىسىز ئارتۇقچىلىق(يۇم)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    EnQa
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    enqa@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    پايدىسىز ئارتۇقچىلىق(يۇم)

    پايدىسىز ئارتۇقچىلىق
    يۇم (ئەنگلىيە)
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى


         ئەگەر بىر ئادەمدە مەلۇم نۇقسان ياكى يېتەرسىزلىك بولسا، ھەمىشە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مەلۇم ئارتۇقچىلىقمۇ بولىدۇ. ئۇنداق ئارتۇقچىلىق ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدىدىكى يېتەرسىزلىككە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك قەبىھ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇدى نۇقسانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئادەم ئازراقلا قىيىنچىلىقتا قالسا چۆچۈپ ئويغىنىدۇ. لېكىن ئۇ كەڭ قورساق، مەرد ۋە ياخشى نىيەتلىك بولسا، باشقىلارغا ئەمەلىي ھالدا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ ۋە ئۇنى كۆپ جەھەتتىن ئامەتلىك قىلالايدۇ. ئۆزى بولسا تېخىمۇ بەختسىز بولۇپ قالىدۇ.

        نۇقسانى بار ئادەمگە  نىسبەتەن ئۇيۇلۇش ۋە نومۇس تۇيغۇسى دەرۋەقە گۈزەل ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجە غايەت زور  كۆڭۈلسىزلىك ۋە پۇشايماندىن ئىبارەت بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى بۇزۇق ئادەملەر جىنايەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى تارتىپ، خەير - ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. مېھرىبان - ئىللىق چىرايلا بولۇپ ياخشى نىيىتى بولمىغان ئادەم باش - چېكى يوق ئىشقى - مۇھەببەتتە مەردانە خاراكتېرغا ئىگە بولغان ئادەمگە قارىغاندا تېخىمۇ تەلەيلىك بولىدۇ، ئەمما بۇنداق ئادەم شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ.

        بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز ئۈچۈن غەمكىن خاراكتېر دەرۋەقە كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇ ھەمىشە يۈكسەك دەرىجىدىكى شان - شەرەپ تۇيغۇسى ۋە ھەقىقىي سەمىمىيلىك بىلەن يانداش كېلىدۇ. گەرچە ئۇ ئادەمگە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تەسىر بەرسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئالىيجاناب ئادىمىي خىسلەت قاتارىدا چېلىقتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، شەخسىيەتچى، مۇناپىق ئادەم جانلىق، خۇشال خاراكتېر ۋە مەلۇم كۆڭۈللۈك كەيپىياتقا ئىگە بولسا ئۇمۇ ياخشى خىسلەت ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئاشۇ  ياخشى تەرەپ ئۇنى بىرمۇنچە ئەسكى ئىشلارنى قىلىشقا گىرىپتار قىلىپ ئېغىر جازاغا دۇچار قىلىدۇ - دە، ئۇنىڭ تەقدىرى ياخشىلانغان بىلەن بىرمۇنچە سەۋەنلىكلەر  ئۇنى پۇشايمان قىلدۇرىدۇ ۋە ئەنسىزلىككە سالىدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يۇم , ياسىن ھاۋازى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-29 17:14:49
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1028
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证