تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئىجادىيەت ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› دادام بەرگەن ھېيتلىق(مۇھەممەت ئېلى تۇردى)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
دادام بەرگەن ھېيتلىق(مۇھەممەت ئېلى تۇردى)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14048
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 373
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
دادام بەرگەن ھېيتلىق(ھېكايە)
مۇھەممەت ئېلى تۇردى


 
مەن دادامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ئۆيدە بولمىسا:«نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ ھەمىشە ئاچىلىرىمدىن سورايمەن.
   مانا بۈگۈن قوربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام، دادام يوق تۇرىدۇ. ئاچىلىرىمدىن سورىسام، ئاچىلىرىم:
- دادىمىز ھېيت نامىزىغا چىقىپ كەتتى،- دېدى. كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ، ئىشىكە يېنىش - يېنىشلاپ تەلمۈردۈم. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، دادام خوشال كىرىپ كەلدى. مەن ئاچىلىرىم بىلەن بىللە دادامنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. دادام:
   - بالىلىرىم، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! - دەپ ئاچىلىرىمغا 10 كويدىن ھېيتىلىق بەردى. مەنمۇ ئاچىلىرىمنىڭ قاتارىدا دادامغا قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
   - ئوغلۇم، ساڭا پۇل ئەمەس، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى ھېيتلىق بېرىمەن، -دېدى.
   مەن ئىچىمدە«شاكىلات ياكى كەمپۈت بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم - دە:
   - شاكىلات!-دېدىم.
   - ياق!-دېدى دادام بېشىن چايقاپ.
  - كەمپۈت!
   - ياق!
   دادام ماڭا ھەمىشە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەچكە، ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتىم.
   - شاكىلات ھەم كەمپۈت بولمىسا، ئەمىسە نېمە ئۇ؟ -دېدىم - دە، سومكىسىدىن يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «خەيرىلىك كەچ ھېكايىلىرى» دېگەن كىتابنى ئالدى، - مانا بۇ سېنىڭ ھېيتلىقىڭ.
   - ھېكايە كىتاب! -خۇشاللىقتىن ۋارقىراپ كەتكىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن. چۈنكى، بۇ كىتابنى مەن ھېيتلىق پۇلۇمغا ئېلىشنى ئويلاپ قويغانىدىم.
  - رەھمەت دادا، - دېدىم - دە، دادامنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىدىم، لېكىن غۇلىچىم دادامنىڭ بېلىگە يەتمىدى.


مۇھىم خەتكۈچلەر : مۇھەممەت ئېلى تۇردى , دادام بەرگەن ھېيتلىق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-29 0:10:59 باھا : 0 كۆزىتىش : 10
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证