تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ۋاز كېچەلمەيمەن(ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ۋاز كېچەلمەيمەن(ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر)

    ۋاز كېچەلمەيمەن(نەسىر)
    ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر


    سالام دوستۇم!
       خېتىڭدە مېنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ‹‹ئازاد›› قىلىپ، شىركىتىڭدە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە ئالاھىدە ۋەدە بېرىپسەن. بۇ ئارقىلىق بىز  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى چۈشەنگەنلىكىڭگە تەشەككۈر!

       بىلەمسەن دوستۇم، ئوقۇتقۇچى قانچە كۈيلەنسە، تەرىپلەنسە، قەدىرلەنسە شۇنچە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ ئىنسان. بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجىر – مېھنىتىدىن ئادەممۇ، ئالەممۇ كۆكلەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يۈكى، مەجبۇرىيىتى تولىمۇ ئېغىر. جەمئىيەتنىڭ، دەۋرنىڭ ئۇنىڭدىن  كۈتكەن ئۈمىدى تولىمۇ زور. ئۇنىڭدا تىنىمسىز ئىزدىنىش، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولمىسا، بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقالىسۇن!؟ شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەم. بۇ كەسىپنىڭ قىممىتىگە يەتكەن مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى تۇنجى سائەتلىك دەرستىن باشلاپ ئۆزى ھەققىدە ئويلاشقا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن زېھنىي – قۇۋۋىتىنى مىللەتنىڭ كېلەچىكى  بالىلارغا سەرپ قىلىدۇ، ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئىلىم – ھېكمەتنى ئالدىدىكى سەبىي نوتىلارغا بېغىشلايدۇ. ئولتۇرسا – قوپسا، ماڭسا – تۇرسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ھەتتا چۈشىدىمۇ دەرس تەييارلايدۇ. بۇ نەقەدەر ئالىيجاناب روھ – ھە!؟...

       دوستۇم، راستىنى ئېيتسام، راھەت – پاراغەت ۋە يۇقىرى ئىش ھەققىنى دېسەم ھازىرلا بۇ خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ شىركىتىڭگە بېرىپ ئىشلىگۈم بار. ئەگەر مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالىمىسام، يەنە بىرلىرىمۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كەچسە، ئۇنداقتا ئالىم، شائىر، يازغۇچى، ئىنژېنېر، دوكتورلاردىن تارتىپ سەندەك شىركەت خوجايىنلىرىنى كىم تەربىيىلەيدۇ؟ دانالار ‹‹مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا›› دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئوقۇتقۇچى بولمىسا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى بولغان مائارىپ قۇرىغان بۇلاققا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ شۇڭا دوستۇم، مېنى بۇ خىزمەتتىن توسۇما. چۈنكى مېنىڭ روھىم ئاللىقاچان بۇ خىزمەتكە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. شۇ تاپتا نەچچە ئون جۈپ سەبىي بالا  زارىقىش ئىچىدە مېنى كۈتمەكتە. ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىگە ئادىمىيلىك پەزىلەتتىن، ئىلىم – ھېكمەتتىن ساۋاق بېرىشىمنى، قەلب ئېتىزلىرىنى مەرىپەت بۇلىقىنىڭ ئابىھاياتى بىلەن سۇغىرىشىمنى كۈتمەكتە. مەن ئۇلارغا تەشنا، ئۇلار ماڭا تەشنا. بىلەمسەن، ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ ‹‹مۇئەللىم!›› دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىسام قەلبىم ھاياجاندىن لەرزىگە كېلىدۇ. جاپالىرىم ئۇنتۇلۇپ ئۆزۈمنى بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ يېقىملىق سادا ھەتتا چۈشۈمدىمۇ جاراڭلاپ، مېنى بۇ ئالىيجاناب خىزمەتكە جان تەسەددۇق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ جاراڭلىق سادادىن ئۆزۈمنى بەختىيار ھېس قىلىمەن. شۇڭا، ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت! ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: مەن ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت جاپالىق، ئەمما شەرەپلىك كەسىپتىن قەتئىي ۋاز كېچەلمەيمەن. ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان سەبىيلەردىن تېخىمۇ ۋاز كېچەلمەيمەن!



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ۋاز كېچەلمەيمەن , ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-29 0:07:40
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 388
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证