ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﺧﻪﺕ
ﯪﺑﻠﯩﺰ ﯮﺳﻤﺎﻥ
ئاسمىنىڭدىن ئۆتتى قۇشلىرىم
كۆرۈپ قالدىم سېنى مەن غىل-پال .
ئاشۇ خىلۋەت كوچىلىرىڭدىن
ئۇچۇپ كەلگەن تونۇش بىر ئاۋاز
قۇشلىرىمنى توختاتتى دەرھال .
چاڭگىسى بار قۇشۇمنىڭ سەندە ،
قەدىم پەينى توزۇتار شامال .
كۆرۈپ تۇردۇم جىلۋىلەر ئارا ،
مەڭگۈلۈك بىر چۈشسەن ئېھتىمال .
مەن بىلىمەن شۇ تونۇش سادا
ئاڭا تەبىر بىرەر بىمالال.
كونا ئۇۋا نەقەدەر ئىسسىق
روھىم ئۇندىن ئىزدەيدۇ ۋىسال .
كۈنلەر ئۆتۈپ يەنە بىر كۈنلەر ،
ئاۋاز كەلگەن تونۇش كوچاڭغا
يۇلتۇز بولۇپ چۈشەرمەن بىر تال .