تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ(ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ(ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ)

    ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ
    ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ



    ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻱ،
    ﮬﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.
    ﺧﻮﺭﯨﻤﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﯘﭼﻤﺎﻱ،
    ﻳﯩﺸﯩﻞ ﭘﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﻻ ﭼﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.
    ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺰ
    ﺯﻩﭘﻪﺭ ﻗﯘﭼﯘﭖ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ﺗﯧﺰ
    ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺭﻭﮬﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ.

    ﺳﻪﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ،
    ﮔﯘﮔﯘﻡ ﮔﯜﻝ ﻟﯩﯟﯨﺪﻩ ﺋﯚﭘﻜﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ،
    ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﻧﯩﻤﻪ ؟ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻧﯩﻤﻪ؟
    ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻱ-ﭘﯧﻘﯩﺮ،ﻳﺎﺷﻘﯧﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ.

    ﺩﺍﻏﻠﯩﺪﻯ ﺷﻪﻳﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،
    ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﮔﻪ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﺭ.
    ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ-ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﭖ،
    ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﯟﻯ.

    ﮔﯜﻝ ﺷﯧﯩﯩﺪﺍﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،
    ﺷﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ،ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ،
    ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ- ﺳﯘ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰ،
    ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻳﯘﺭﯗﻕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ.

    ﮬﻪﻱ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
    ﻛﻪﻣﭙﯜﺕ ﻳﻪﯕﻼﺭ، ﻳﻪﯕﻼﺭ ﺷﯩﺮﻣﺎﻥ ﻧﺎﻥ.....


    ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍﮬﯧﻴﯩﺖ،
    ﻗﯘﺵ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﺪﺍ
    ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﭖ.
    ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
    ﺋﯘﺳﺴﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﻧﯩﺪﺍ
    ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ.

    ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
    ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻛﺎﯞﯨﻜﯩﺪﺍ
    ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻚ.

    ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ
    ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻏﻪﻡ ﻳﻮﻕ ﻳﯩﺸﯩﻞ ﻳﻪﺭﮔﻪ.
    ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﯩﺘﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ
    ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ، ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ
    ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﺭ ﻛﻪﺑﯩﺪﻩ،
    ﺋﯚﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻧﻪﮔﻪ.


    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-28 4:09:31]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-28 0:09:07
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 204
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证