تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› تام تۈۋىدىكى ئەما تەمبۇرچى(ئادىل تۇنىياز)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تام تۈۋىدىكى ئەما تەمبۇرچى(ئادىل تۇنىياز)

    تام تۈۋىدىكى ئەما تەمبۇرچى
    ئادىل تۇنىياز



    ئۇ كۈنى مەن ئۇكامنى ئېلىپ
    چىققان ئىدىم بازار كۆرگىلى،

    سەھەر. ئەخلەت. كىشىلەر توپى.
    ھەم شاۋقۇندەك ئۇزۇن سوزۇلغان
    ئۈرۈمچىنىڭ قىستاڭ كوچىسى
    تۈن كېچىدەك ئەما ئالدىغا
    نۇرسىز لەيلەپ چۈشەر كۈن نۇرى،
    لەيلەپ چۈشكەن پارچە پۇللاردەك.

    يىراق-يىراق ئۇيغۇرچە ئاۋاز
    كىشىلەرنىڭ ئارىلىرىدا
    جىمقىتلىقتەك قىلماقتا پەرۋاز.
    «ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ
    ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ
          ...  ۋاي دادەي»

    تەمبۇرچى يۆلەنگەن تام تۆشۈكىدە
    چاقناۋاتقان چاشقاننىڭ بېشى.
    ئۇيقۇدىكى ئايالنى دوراپ
    ئوماق چاشقاننىڭ چۈشكۈرۈشلىرى.
    تام يېرىقىنىڭ يېقىملىق شەكلى.

    «ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ يارىم
    يولۇڭغا بارغۇدەك بولدۇم
    قولۇمغا قوش پىچاق ئالىپ
    (بۇ ئارىلىقتا تەمبۇرچىنىڭ نىمە
    دىگەنلىكىنى ئاڭلىيالماي قالدىم)
                ... ۋاي دادەي »

    كەچكى قۇياش ئاستىدىكى كوچىدا
    كۆپ قاناتلىق ئۇلۇغ دېڭىزدەك
    نۇرغا چۆمگەن قارىغۇ سەنئەتكار.
    كۆپئەمچەكلىك تەكلىماكان ئانىدەك
    ئەبەدىيلىك تەمبۇرچى بوۋاي.

    ئەي، ئەما كىشىلەر
    ئەي، ئەما بولۇش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر
    ئەي ئەما بولۇشنى خالايدىغان قەبىلە
    يورۇقلۇق
    ماڭا ئەگىشىڭلار!
    ئىچىمىزدىن باشلانغان.
    قاراڭغۇلۇق


    «ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن
    ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى
    كۆز يېشىم دەريا بولۇپ
    بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى
                  ...ۋاي دادەي»

    مۇبادا ئۆيى بار بولسا
    تەمبۇرچى كەتتى ئۆيىگە...

    كېچە
    دېڭىز قاراقچىسىنىڭ دېڭىزلاردىكى
    جىمجىت ئات تۇيىقىدەك جىمجىت.
    ئات يايلىدىكى شامالدەك جىمجىت.

    تەمبۇرچى كەتتى ئۆيىگە...
    ماڭا ئەگىشىڭلار!

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-28 0:06:28]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئادىل تۇنىياز , تام تۈۋىدىكى ئەما تەمبۇرچى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-28 0:05:32
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 194
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证