يىراق جاي
ئادىل تۇنىياز
جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،
شاخ ئۈستىدە تىترەر ئاي،
كۈمۈش ئورمان چاقنار سۇس ،
يېتىمچىدەك مۇڭ چىراي،
پىل-پىل قىلغان بىر نۇر بار،
ئۇ بەك يىراق ،يىراق جاي.
دۇنيا جىمغۇر ھەم سوغوق،
توڭلاپ قالغان موردىدەك.
بۇلاق يېغلار نەدىدۇر،
قاخشال چۆپتەيوق بىزەك،
بىر ناخشا بار ،بار بوغوق،
ئەمما ئۇبەك يىراق جاي.
ئۆلۈكلەر يوق مازاردا،
گۈل ئەمەسمۇ ئاپئاق قار،
تىزىپ يۇرگەن گۈل دەستە،
نەۋرىلەر بار ،تاڭلار بار،
يۇقلاي دىسەم باھاردا،
ئۇ بەك يىراق ،يىراق جاي.
ئادىل تۇنىيازنىڭ «دېڭىزدىكى كوچا»ناملىق شېئرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.