تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› كۈن غەرىپتىن چىققاندا(ئادىل تۇنىياز)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كۈن غەرىپتىن چىققاندا(ئادىل تۇنىياز)

    كۈن غەرىپتىن چىققاندا
    ئادىل تۇنىياز



    ئايرىلىمىز بىز چوقۇم،
    كۈن غەرىپتىن چىققاندا.
    يا كۈن چىقار غەرىپتىن،
    بىز ئايرىلماق بولغاندا.

    ئاي كۆرىنەر يېراق دالادا،
    ئاق قاناتلىق غىرىبانە قار،
    بىسىپ ياتقان گۆھەر تۇخۇمدەك
    قىش كىچىسى غەمكىن سەھرادا
    قەلبىمدىكى ئۆزۈمدىن بۆلەك
    كىممۇ ماڭا بولاركىن ھەمراھ؟
    ئەگشتۈرۈپ جىمجىت خىيالنى
    ئايلىنىمەن ھويلىدا تەنھا.
    ئاپئاق كىپەن ئارتىۋالغان قىش،
    كۈلۈمسىرەپ تۇرار يېنىمدا.
    كىرپىكلىرىدە
    بوستان ياساپ ئۇيقىدىن،
    ئانام،دادام ياتار سۇپىدا.
    تاتلىق چۈشلەر،
    ئۇچۇپ چىقىپ ئۇكىللىرىم كۆزىدىن
    كۆڭلىكىنى كىيىپ رەڭگارەڭ
    ئۆي ئىچىگە لىپمۇ لىق تولۇپ
    پەرۋاز قىلىپ ئوينايدۇ ئۇسۇل.
    كەنىتتىكى ئىتلارمۇ بۇ كەچ،
    قوشاق قېتىپ جۇدالىق ئۈچۈن،
    تۈنەپ چىقار تاڭغىچە پۈتۈن.
    مورىسىدا پاكار ئۆيلەرنىڭ
    مېنى چوقۇم ساقلاپ ئولتۇرار،
    خوشلاشماققا ئاخشامقى تۈتۈن.
    مۇز چاقنىغان قارلىق ئېتىزدا
    كۈتىشىدۇ سەھەرنى ئويغاق،
    توڭ تېزەكلەر چىقارماي ئۈن-تىن.
    قۇشقاچ كۈيى،
    توڭلاپ قالغان جىگدىلىك،
    جانلىنارمۇ مۇڭلۇق قوشاقتا،
    تىلغا كىرىپ ئەتە مەن ئۈچۈن؟

    غەربى ياقتىن چىققان كۈن بىلەن،
    نۇرلانغاندا سەھرا ئۇپىقى،
    خوشلىشارمەن بۇندا ھەممىدىن،
    كىرپىكلىرىم تاتلىق چۈش يۇقى،
    ئايرىلىپ ئىخ خىلۋەت كۈلبەمدىن
    يول ئالارمەن يېراق شەھەرگە.
    پەرىشتىگە ئايلىنىپ شۇچاغ
    ئۆزۈمدە يوق بولغىنى ئۈچۈن
    بەخىت شادلىق تېلەپ قالىمەن،
    بۇندا قالغان جىمى نەرسىگە.

    ئادىل تۇنىيازنىڭ« بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيتى»ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئادىل تۇنىياز , كۈن غەرىپتىن چىققاندا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-27 23:20:33
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 209
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证