مەنە سەپىرى
ئادىل تۇنىياز
ئاپئاق تام،
تامدىكى يولدا
ھاشا چۈمۈلىسى سارغۇچ مېڭىپ
ئېگىز چۇشتىن كېيىنىگە
كەلمەكتە كىرىپ.
توختىدى بېرىپ،
توختاش نوقتىسى
مەنىسىزلىك
ناماز بامداتتا ئەزان
بۇ چاغدا
چۈشسىز سەھەر،
دېڭىزنىڭ ئەينىكىدە
كۆكۇش يالقۇنلار،
بېلىقلارنىڭ ئاغزىدا سەھەر.
چىقتىم سەدەپتەك
مەسچىت يوپيورۇق،
تىلىم ئۇپۇق.