ئەرەب كالىندارى
ئادىل تۇنىياز
تاڭ ئاتتى،
شەھرىزاد ھىكايىسىنى توختاتتى.
ئەزان ئاۋازى چايقاپ شەھەرنى،
دېڭىزدا مۇنچاقتەك يۇلتۇز ئوينايتتى.
قاغجىرىغان يەرلەر تېنەمدىن
ئېتىلىپ چىقار ئىسسىق ماي.
پىكابىنى توختاتتى ئەرەب،
يۈگۇرۇپ ئۆتكەندە كوچىدىن ئاي.
قۇرئان بىلەن شەيتان ئارىسىدا
بايلىق بىلەن ئايال ئارىسىدا
قەد كۆتەرگەن جەننەتتەك شەھەر
شەھرىزادنىڭ ھىكايىسى داۋاملاشماقتا
دېرىزىلەردە ئۇيقۇلۇق سەھەر.
ئەرەب كالىندارى
سىرلىق ، ئاستا.