تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› مەن ئاق بايراق ئەمەس(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17488
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    مەن ئاق بايراق ئەمەس(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

    مەن ئاق بايراق ئەمەس
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


    1

    كۈمۈش كەبى يالتىراق،
    مەرۋايىتتەك پارقىراق.
    بىر چوقا بار ئاسمانغا مەغرۇر بېشى تاقاشقان،
    ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى، تىيانشانغا جايلاشقان.

    مەشرىقتىن چىقسا ئاپتاپ،
    ھەممىدىن ئاۋۋال باشلاپ،
    شۇ چوققىنى سۆيىدۇ مەڭزىگە يېقىپ مەڭزىن،
    ئۆتۈپ ئۇنىڭ قېشىدىن، غەربكە ماڭار ئاندىن.

    كېچە بولسا تولۇن ئاي،
    ئۆتمەيدۇ ئۇندىن قونماي.
    يەتتە يۇلتۇز ھەم ھۇكەر، زۇھەل بىلەن مۇشتىرى
    ئۇنى يوقلاپ ئۆتىدۇ تەزىم قىلىپ ھەر بىرى.

    ئېرىمەيدۇ، قىش - يېزى،
    ئاق شايىدەك قار - مۇزى.
    كۆكرىكىگە تاقاقلىق تەبىئەتنى ئەكسى -
    تاشنى يېرىپ چىققان ئۇ مۆجىزە قار لەيلىسى.

    شۇڭلاشقىمۇ بۇ چوقا
    بەزى بولۇپ ھۆرلىقا.
    كۆرىنىدۇ كۆزلەرگە ئاق ئېچىلغان گۈل كەبى،
    ياكى باھار كۈنلىرى ئاققۇ قونغان كۆل كەبى.

    2

    بۇ بىلمەي بىر جاناب،
    خانتەڭرىگە بىر قاراپ،
    دەپ تاشلىدى: «بۇ چوقا يىراقتىن قارىماققا -
    ئوخشايدىكەن ئەل بولغان قۇشۇن تۇتقان بايراققا».

    3

    خانتەڭرى بۇنى ئاڭلاپ،
    كۈلۈۋەتتى قاقاقلاپ.
    دېدى: نەدە چوڭ بولغان بېشى قاپاق جانابسىز،
    قۇلاق سېلىڭ، قالمىغاي بۇ گېپىڭىز جاۋابسىز.

    دەرۋەقە، ئاق مەن ئۆزۈم،
    ساقال- چېچىم ھەم يۈزۈم.
    لېكىن ھەرگىز ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق،
    تەبىئىتىم - مىجەزىم ئاق بايراقتىن بەك يىراق.

    ئادەم ئاتا ھەم ھاۋا
    جەننەتتىن چىققان چاغدا،
    تۇنجى تۇغۇلغان ئوغلى مەن ئىدىم بۇ زېمىندە،
    بوز ئېچىپ، ئۇرۇق چاچقان يېشىل ۋادى تېرىمدە.

    نوھنىڭ كېمىسى توپاندا،
    يول تاپالماي ئازغاندا،
    ئاغزىمغا زەيتۇن چىشلەپ بارغان كەپتەر مەن ئىدىم،
    ھاياتلىقنىڭ نىشانى - ئاشۇ جەۋەر مەن ئىدىم.


    قوش مۇڭگۈزلۈك ئىسكەندەر
    باشلاپ كەلگەندە خەتەر،
    ئۇنىڭ ئۆتەر يولىنى توسۇپ قويغان مەن ئىدىم،
    شەرقلىقنىڭ كۈچىنى تۇنۇتۇپ قويغان مەن ئىدىم.

    يىپەك يۈكلىگەن كارۋان
    قوڭغۇراق جاراڭلاتقان
    ئاشۇ قەدىم يوللاردا ھەم قورۇقچى - پاسىبان،
    ئاش - تۇز بېرىپ كارۋانغا ھەم بولغانتىم ساھىبخان.

    ئەي جانابى مۆھتەرەم،
    بېلىپ قويۇڭ شۇنى ھەم.
    تارىخ دېگەن كىتابنىڭ خېتى مەندە پۈتۈلگەن،
    نى - نى چېگىش تۈگۈنلەر مېنىڭ بىلەن يېشىلگەن.

    قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،
    دورا دېگەن مۆجىزە
    مەندىن ئۆتۈپ جاھانغا تارالغان ھەم كېڭەيگەن،
    مەدەنىيەت بۆشۈكىن ئۆز قولۇمدا تەۋرەتكەن.

    4

    دېمەك، تا ئەلمىساقتىن -
    بېرى بارمەن ئۇزاقتىن،
    شۇڭا بېشىم ئاقارغان، ھەتتا كەيگەن تونۇم ئاق،
    لېكىن ئۆزۈم ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق.

    بۇ ھۆر زېمىن ۋەتىنىم،
    ئاڭا باغلىق جان - تېىنىم.
    چاچ - ساقالنىڭ ئاقلىقى - تارىخ قەسىرىنىڭ ئۇلى،
    كۆككە تاقاشقان بېشىم شۇ ۋەتەننىڭ سىمۋولى.

    قارا بۇلۇت توسسىمۇ،
    چاقماق كېلىپ سوقسىمۇ.
    ئېگىلمەستىن بۇ بېشىم مەغرۇر تۇردى ھەممە ۋاق،
    قانداق قىلىپ مەن ئەمدى بولۇپ قالاي ئاق بايراق،

    قەلبىم قىزىق چوغ تۇرۇپ،
    قىزىل تۇغنى كۆتۈرۈپ.
    كېتىۋاتسام مەردانە ناخشام غالىپ، ياڭغىراق،
    قايسى يۈزىڭىز بىلەن مېنى دەيسىز ئاق بايراق!



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر , مەن ئاق بايراق ئەمەس , خانتەڭرى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-27 7:35:42
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 345
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证