تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ(ئابدۇرېھىم ئابدۇللا)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ(ئابدۇرېھىم ئابدۇللا)

    ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ
    ئابدۇرېھىم ئابدۇللا


    ھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،
    ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.
    ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
    يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.

    ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
    نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.
    خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،
    بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.

    دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،
    كۆردى نى-نى دەردۇ بالالار.
    ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،
    كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالار.

    نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،
    قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.
    ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،
    ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.

    تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،
    ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.
    يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،
    شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.

    بىز ئاتالدۇق تانسىدا يىگىت،
    ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

          ٭٭ ٭٭ ٭٭
    يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،
     جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.
    كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،
    قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا.

    توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،
    ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.
    كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن،
    بايراق بەردى ئاتام زەپەردە.

    مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى،
    ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا.
    جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
    خار قىلماي دەپ ياۋلارغا-ياتقا.

    سايىلەردە ئانام ئەللىيى،
    مەن قۇچاقتا، كۆزۈم ئۇيقۇدا.
    خامانلاردا ئاتام لاي-لېيى،     
    شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.

    چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،
    ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.
    ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،
    يېشى دەريا، ئۆزى كېمىدە.

    مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار،
    قولىدىكى ھەر بىر قاداقتا.
    ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار
    ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر، ساداقتا.

    مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت،
    ئاھ، جان ئاتام جەڭلەردە شېھىت.

    1996-يىلى 10-يانۋار   



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرېھىم ئابدۇللا , ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-26 23:34:53
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 396
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证