شەھەرنىڭ سىرى
ئادىل تۇنىياز
بېرىلمىدى بىزگە ئىزاھات.
سېلىنماقتا رەت-رەت ئىمارەت.
ئېگىزلىگەن تەنھالىقىمىز.
ۋاقىت بىر چوڭ شەيتان ئەينىكى،
قېرى مۈشۈك تىكىپ كۆزىنى
كۆرەلمەيدۇ ئۇندا ئۆزىنى.
خالتا كوچا،ئادەم،سامانيول
بۇ شەھەردە كېسىشكەن بىر نۇر.
چېقىلماقتا كونا بىنالار
ئۆز تىلىدا سۆزلەيدۇ ئۇيغۇر.
چاقناپ ئۆچەر توزان ئىچىدە
لوم تۆمۈرلەر،سەرسان يىگىتلەر
تام ئادەمنى قوغلايدۇ دەيدۇ،
لېكىن قارام تام چاققۇچىلار
قاراملىقى قۇترىغان بۇقا.
بالياتقۇ ئۆي ئۇلار ئۈچۈن
تىكىشىدۇ جېنىنى دوغا.
بىز گويا ئوت سۇ ئىچىدىكى،
بىز غايىبقا سېلىنغان بىنا.
ئۆرۈلدى بىر بىنا نەم، قىزىل
يىگىتلەر تام چېقىۋاتقاندا،
ۋاقىتتىن قان ئېقىۋاتقاندا.....
يات بىر تىلدا سۆزلەيدۇ تۇرمۇش
ئۆزگەرمەكتە شەھەرلەر پوزۇر.
يېڭى بىنا پۈتەر ناتونۇش
كونا تامنى چاققۇچى ئۇيغۇر.
ئەي يىگىتلەر، قاراپ بېقىڭلار
شەيتان ئەينەك ئەمەسمۇ شەھەر؟
كۆرۈنمەيمىز قارىساق ئەگەر.
(ئاپتورنىڭ«چۈمبەلدىكى كۆز»ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى)