ئەدەپ قوشىقى
مامۇت زايىت
قانات توزنىڭ زىننىتى،
مېۋە باغنىڭ نېمىتى.
ئەدەپ، ئەخلاق، ئەمگەكتە،
ھەر كىشىنىڭ قىممىتى.
تاشتىن گۆھەر ئالىدۇ،
ئەرنىڭ جۈرئەت-مېھنىتى.
زەرگەر بىلىدۇ زەرنى،
زەر تاللايدۇ زەرگەرنى.
ھەرقەدەمدە سىنايدۇ،
بۇ تۇرمۇش يىگىت-ئەرنى.
زېمىن زايا قىلمايدۇ
تۆكۈلگەن كۈمۈش تەرنى.
قىزىلگۈل يوق تىكەنسىز،
ۋىسال يوقتۇر ھىجرانسىز.
بۈركۈت پەرۋاز قىلالماس،
جۈپ قاناتسىز، ئاسمانسىز.
يىگىت دېمەس ئەل سېنى،
بولساڭ غايە، ئارمانسىز.
سۈبھى قوشماق چولپانغا،
بۇلبۇل ئاشىق بوستانغا.
تەشتەككە گۈل يارىشار،
ئەخلاق زىننەت ئىنسانغا.
زامان خۇشتار ئەدەپلىك،
مەرد، بىلىملىك ئوغلانغا.
كېپىنەككە گۈل كۆيمەس،
بىۋاپا ۋىسال كۆرمەس.
ئىشچانلارنىڭ دەۋرى بۇ،
ھۇرۇنلارنى ئەل سۆيمەس.
جاسارەتلىك پەرھادقا،
تاغ كەسمەك ئېغىر كەلمەس.
ئەل كۆيگەنگە سەن كۆيگىن،
باتۇر بول، ۋەتەن سۆيگىن.
دېسەڭ يۇرتۇم گۈللەنسۇن،
پەن دەرياسىدا ئۈزگىن.
يەرنى ياشنات، ئايغا ئۇچ،
ئەجرىڭدىن بەخت كۆرگىن.
تاغ سۇلىرى قۇدرەتلىك،
سەل ياسايدۇ ھەيۋەتلىك.
سەن بىر قەترە، ئەل دەريا،
بولغىن كەمتەر، ئەدەپلىك.
ئۆمرۈڭ ئۆتسۇن مەنىلىك،
ئالەم كەڭ، ئۆمۈر چەكلىك.