تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› تەكلىماكان ،خوراز ،ئۇرۇمچى(ھەبىبۇللا توختى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تەكلىماكان ،خوراز ،ئۇرۇمچى(ھەبىبۇللا توختى)

    تەكلىماكان ،خوراز ،ئۇرۇمچى
    ھەبىبۇللا توختى



    چەكسىزلىك چەكسىز
    چېچىلغان ماكان ،
    ئاڭا تۇتاشقان ـ
    ئاخىرقى زامان .
    ئەجەبمۇ سىرلىق بۇ تەكلىماكان .
    بۇ تەكلىماكان -
    ئۇيقۇغا چۆمگەن
    ئۇيقۇسىز شەھەر .
    جۇشقۇن جەسەتتەك
    تۇيغۇسىز شەھەر ؛
    ياتار پەرۋاسىز ،
    تالايدۇ بوران ،
    ھۇۋلار شىۋىرغان . . .


    بۇ تەكلىماكان-
    كۆز ياشقا يېقىن ،!
    دېڭىزدىن يىراق ؛
    مەرمەر دېڭىزى ، ؛
    ئاتلانتىك ئوكيان ،
    بەكمۇ يىراقتا .
    نەمخۇش ساھىللار ،
    دالا تامىقى ،
    بىر مۆتىۋەرنىڭ ئېسىل قارمىقى ،
    غەمسىز ئوقۇلغان ئەركىن ناخشىلار ،
    يوقتۇر بۇ يەردە .
    چۈنكى بۇ قۇملۇق ماڭالماس قېيىق ،
    سۇسىز چۆل دېمەك يوق ئالتۇن بېلىق .
    توغراقزارلىقتا بولۇشى مۇمكىن -
    پادىشا تۈلكە ، مەدىكار ئېيىق ،
    بوۋام ئېيتقاندەك . -



    بارخان باغرىدا ئۇيقۇچان مەھەللە .
    پەرىشتە كەلسە چىللايدۇ خوراز .
    جاڭگالغا ماڭار
    پادىچى بالا ، بىر توپ مۆڭ كالا .
    ناخشا توۋلىغاچ -
    غەمكىن ئوتۇنچى ماڭار ئوتۇنغا! :
    ‹‹ئاھ خۇدا بەندەم دېسەڭ ،
    تۇزچى ، ئوتۇنچى قىلمىغىن .
    ئالتە ئېشەكنى ھەيدىتىپ ،
    چۆللەردە ۋەيران قىلمىغىن››.
    پۇتلىرى ھارماس ئۇلاق ،
    بىلىكى ياستۇق ئاڭا .
    دۆۋە قۇم دەل پەر تۆشەك ،
    چىقسا ئاي – نۇرلۇق چىراق !
    خوراز چىللايدۇ . . .


    قۇرۇپ قالغان ئاپئاق ئىسكىلىت ،
    بەكمۇ مەغرۇر ياتار ھىجىيىپ ،
    ئاۋۇل تىكىپ ساتۇق بۇغرا خان -
    گۈلخان سېلىپ ئۆتكەن دالىدا .
    ئوتۇنچىنىڭ جەسىتى چوقۇم ،
    بەش بالىسى كۇلۇڭ ئالدىدا .
    تېپىلمايدۇ ئەمدى بەرىبىر ،
    كەر بالانى نۇرغا تولدۇرغان -
    ھۈسەينەمدەك مەڭگۈلۈك جەسەت .
    بۇ قانداق جەسەت ؟
    ئۇ قانداق جەسەت ؟
    بولدى قويغىنا ،
    جەسەتكىمۇ قىلمايلى ھەسەت .


    ماڭا ئەگەشمە كۆڭۈلسىز پاراڭ ،
    سورىساڭ مەن بىر سۆيۈملۈك ساراڭ .
    ئىزدەپ يۈرىمەن ھېلىقى شەھەرنى ،
    خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەرنى .


    بوۋاينىڭ سۆزى :
    سۇلايمان ئەلەيھىسسالام:
    قوشۇن تارتقانچە كەلسە بىر جايغا ،
    سېپىل ئالدىدا ئېگىز بىر مۇنار ،
    مۇنار ئۈستىدە بىر سەگەك خوراز-
    چىللاپتۇ ، شۇ ئان باشلىنىپتۇ جەڭ.
    موماينىڭ سۆزى :
    خورازسىز ئەل ئاداشقان پادا ،
    ئەتراپىدا چىلبۆرى ھۇۋلار .
    ئەركەك مىجەز سەگەك خورازدىن
    يالماۋۇز ھەم ئىبلىسمۇ قاچار .
    ئاڭلىغىن بالام ،
    چىقما تالاغا نەسلىك گۇگۇمدا
    توغراقلىق ئارا جىن – شاياتۇن بار .
    يالماۋۇزمۇ بار -
    چىنتۆمۈر ئاكاڭ چاپسا شەمشەردە ،
    ھەر بىر بېشى مىڭ بوپ يارالغان .
    نەۋرىسى ئېيتار :
    ئېيتقىنا موما
    شۇنچە كەڭرى تەكلىماكاندا
    بۇرۇنلاردا يوقمىكەن خوراز ؟!
    موماي كۆزىگە ياش يۇقار شۇ ئان :
    كەچۈرگىن بالام جىنلار ئۆزگىرىپ-
    خوراز ئالدىغا بوپ كەلگەن مېكىيان .
    ئاتقان چېغى تاڭ
    ئاچچىقلاپ بالا غىلتاڭ خورازلارغا ،
    تاش ئاتقاچ ئاڭا ،
    يالىڭاياقلا ماڭار مەكتەپكە ، !
    موماي قالىدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا .


    لايپاس ئاققان لاي سۇلۇق ئۆستەڭ ،
    مىسىردىكى نىلغا ئوخشىماس .
    نىل قۇيۇلار ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە .
    بىراق ئۇ جايدا
    دىللار چاڭقاق ، نىلمۇ توختىماس .
    پۇراپ تۇرغان قۇمچاقلىق كۆلچەك
    ئوخشىماس ھەرگىز -
    ئالانىڭ ئەلچىسى ئۇلۇغ مۇساغا ،
    ( سالام ئۇ زاتقا)
    خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەردە ،
    ماماتقا باي قايناق سەپەردە ،
    ئۆز قوينىدىن يول بەرگەن دېڭىز -
    قىزىل دېڭىزغا .
    قىزىل دېڭىز مويسىپىت دېڭىز ،
    دولقۇنلىرى تەلۋە قىسمەتتەك ،
    سۈيى ئاچچىق چىن ھەقىقەتتەك .
    قوينى داغدام يول كەلگەندە مۇسا ،
    پىرئەۋىن شۇ سۇدا جېنىدىن جۇدا
    تەلۋە پىرئەۋىن
    ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا
    ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا .
    ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا -
    ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا .
    ئەجەبمۇ ئاچچىق ھەقىقەت دېگەن .
    بىراق بۇ جايدا ،
    لاي سۇلۇق ئۆستەڭ-
    كۈتەر شاۋقۇنسىز ،
    خوراز چىللىسا ئېتىزغا ماڭغان -
    ئورۇق ئۆكۈزنى ، غەمكىن قوشچىنى ، :
    چاڭقاق پادىنى ، ؛
    دەرستىن قالغان گۆدەك بالىنى .
    توغراق چىراي ، قويدەك مۆڭ بالا ،
    قۇلاق سال ماڭا !
    سەندەك چاغدا - گۆدەكلىكىدە
    بەكمۇ جەسۇر ، شوخ ئىدى مۇسا
    جاۋاب :
    پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ ،
    مەلۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا-
    باقماپتىكەن مۇسا كەبىي شوخ ،
    جەسۇر ، زىرەك بىرەر مەرد بالا .
    خوراز چىللىسا چىقىدۇ قۇياش ،
    قانغا بوياپ چەكسىز بارخاننى .
    مەكتەپنىڭ يولى يېتىمسىرايدۇ ،
    ‹‹ قېرى ئەپەندى›› ھالسىراپ كېلىپ -
    ئۆينى سورايدۇ .
    قوناقلىق بىلەن قاچىدۇ بالا ،
    كۈتەر ئېتىزدا ئاتا ، قوش ، كالا .
    خوراز چىللايدۇ ،
    ئۆتەر يىللار
    ئاۋاتلاشقانچە ھاشارنىڭ يولى .
    گۈزەل ئۈرۈمچى خورازسىز شەھەر ،
    مۇزدەك باغرىڭغا
    ھېسسىياتسىز چۇقانلار بىلەن
    غالجىرلارچە كىرەر باستۇرۇپ .
    تۈتەك باسقان خورازسىز سەھەر .
    ئوخشايمىز شۇ چاغ
    ئۆزىمىزگە ، بىر – بىرىمىزگە ؛
    ئارقا كوچاڭ قەلبىمىزدۇر دەل ،
    چىرايىمىز پار – پۇر بىنايىڭ ،
    نېرۋىمىزدۇر نەغمە – نەۋايىڭ! .
    جاھالەتنىڭ شېرىن كەيپىدە -
    ناخشا توۋلاپ تۇرۇپ چىقارغان
    تىنىقىمىز تۈتەك ھاۋايىڭ
    روھىمىزغا ئوخشايدۇ ئەجەب ،
    بايلار كىرمەس ، مۇساپىر تولا
    بەكمۇ رەڭدار غېرىب مەسچىتىڭ


    سورىساڭ گەر مېنى ، مەن پەقەت ـ
    قوينۇڭدىكى بىر گۆدەك بالا .
    قاراپ باق ماڭا :
    ئارمان قاچىلاپ خۇرجۇنلىرىمغا ،
    كۆزۈمدەك خۇنۈك جەنۇبتىن كەلدىم .
    ئەشۇ جەنۇبتىن ئۇزاتتى دادام
    سىيلاپ بېشىمنى -
    تارىخىمىزدەك قاداق قولىدا .
    ئۇزاتتى ئانام ،
    سۇ ۋە دۇئا ، سۈتتە يۇغۇرۇپ ،
    مېھرىدەكلا ئاتەش تونۇردا -
    تاۋلاپ توقاچنى .
    مۇز رەڭ شەنبە ، مۇز رەڭ ياتاقتا
    بۇ قۇياشسىز جۇل ئۈرۈمچىدە
    ساندۇق ئۇپۇقۇم ، شۇ توقاش - قۇياش .
    قالدى قەشقەردە
    مەغرۇر ھېيتگاھ ،
    لاي ئاققان تۈمەن ،
    تەمكىن ‹‹ئوردا ئالدى››
    ياسانچۇق سەمەن .
    ھېيتگاھ ئالدىدا قالدى تىزىلىپ
    مىسكىن مەدىكار ، ئۆكتەم تىلەمچى ،
    نوچى تۇماقچى ،
    چىبەرقۇت يۈزلۈك كۇلالچى بوۋاي ،
    ئوغلى ھوقۇقدار قېرىماس موماي .


    خىلۋەت يېزامدا
    ئوماق پاقلىنىم ئوينايتتى تاقلاپ ،
    كەپسىز ئوغلاقلار قېچىپ نايناقلاپ ،
    قەلبىمدەك سۈزۈك ئېقىن بويىدا .
    مىسكىن كەپەمدە بوۋامدىن قالغان-
    قېرى خورىزىم چىللايتتى تاڭدا .


    يەر شارىنىڭ قۇرغاق لېۋىگە
    قىستۇرۇلغان شېرىن موخۇركا -
    بەدبۇي سانائەت ،
    ئاتىلىقنى ئايرىپ ئاتىدىن ،
    ئاتىسىزنى يوق قىلدى تامام .
    دۈمچەك بولۇپ يۆتەلگەچ شەھەر ،
    ئىپلاس راكتىن بەرگەندەك خەۋەر ،
    ئۈرۈمچىدىن كەتتى يىراقلاپ ،
    خوراز لەرزان چىللىغان سەھەر .


    گۈللۈك قەپەس كۆندۈرگەن يولۋاس ،
    ئۇخلاپ ياتار بىر كۈن كەچكىچە .
    مىجەزىنى يوقاتمىغان شىر -
    خىرىلدايدۇ ئادەم كەتكۈچە .
    گۆش چوقۇلاپ ئاۋارە بۈركۈت ،
    بۆرە سۆڭەك غاجار يانپاشلاپ .
    تىپىرلايدۇ مىسكىن توشقانلار ، !
    قەپەسلەرنى يۇمشاق تاتىلاپ.. .
    ھەشىمەتلىك قان رەڭ قەپەستە ،
    مەرۋايىت دان چېچىلغان پەستە ؛
    توك چۆجىسى - ئاتىسىز خورازلار !
    چىللىيالماي تۇرار شۈمشىيىپ ،
    توڭ قاغىدەك قىلىشىپ غاق – غاق .
    چىللاپ كەتتى باشقىلار قانداق ؟ !
    ھەم ئاتا ھەم ئانىسىز جانىۋار -
    چىللىيالماي ، دان يەپ ، غاقىلداپ! -
    ناجىنىسقا ئايلىنار شۇنداق .

    1999-يىل ئاپرېل -ماي ، ئۈرۈمچى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تەكلىماكان , خوراز , ئۇرۇمچى , ھەبىبۇللا توختى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-26 3:56:15
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 158
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证