تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مەخسۇس ئەسەرلەر ›› ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرى ›› ۋەتەن ۋە ئىمان(ئابدۇقادىر جالالىدىن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ۋەتەن ۋە ئىمان(ئابدۇقادىر جالالىدىن)

    ۋەتەن ۋە ئىمان
    ئابدۇقادىر جالالىدىن



    ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
    قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
    تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
    كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟
    قەلەمنى مەشئەل قىپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
    ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ .

    ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
    قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،
    چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،
    كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.
    بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
    قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.

    سەپ تۈزۈپ ھەر رەڭدە پەسىللەر ئۆتتى ،
    «ۋەتەن » دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى .
    ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ ،
    باشلاردىن نى ئەقىل نەقىللەر ئۆتتى .
    ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،
    ۋە يا ئەرمەك ئەمەس، باشپاناھىڭدۇر.

    «ۋەتەن __ جانان » دېدىڭ ، جانان تېپىلار ،
    ۋەتىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار،
    غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ ،
    شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار .
    بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
    ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ .

    ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،
    نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ ،
    ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ ،
    بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ .
    لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
    تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.

    ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
    ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇقادىر جالالىدىن , ۋەتەن ۋە ئىمان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-26 2:12:47
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 293
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证