تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› بىر كۈنى(مۇھەممەدجان راشىدىن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17079
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 879
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىر كۈنى(مۇھەممەدجان راشىدىن)

    بىر كۈنى
    مۇھەممەدجان راشىدىن



    بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
    ئامان بولسا،  ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
    خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
    ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
     
    گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
    ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.
    ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ،
    ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى.
     
    «ئاق»نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان،
    قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.
    كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر،
    چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.
     
    تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
    ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى.
    بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار، ۋاقتى بار،
    خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ، ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.
     
    كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
    شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.
    بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
    ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى،
     
    پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،
    يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
    سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
    ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.
     
    شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
    ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
    يامان دېسەڭ بالاڭنى، كىم بىرىدۇ ياخشىنى،
    ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھەممەدجان راشىدىن , بىر كۈنى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-25 2:10:42
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 158
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证