تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› سەن يوق(مۇھەممەدجان راشىدىن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 4
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەن يوق(مۇھەممەدجان راشىدىن)

     سەن يوق
    مۇھەممەدجان راشىدىن

    چىنەڭگە ئاھ ئانام زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق،
    نىتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بويى ئەمدى،
    بېشىڭغا قوش تەكى- ياستۇق قويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .
     
    بالامنى ئالغۇچە ئەتتەڭ،سېنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،
    زۆرۈر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    ساڭا قانماي تۇرۇپ باغرىم ھاياتلار قەۋمىدىن كەتتىڭ،
    قۇيۇپ ئالدىڭغا قايماق چاي،سورۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    مېنىڭ ئادەمىلىكىم بولغان سېنىڭ تەنبىھلىرىڭ بىرلە،
    مېنى ئۇرساڭمۇ مەيلىتى،تۇرۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .

    ئۆزۈڭ بەرگەن ئەقىلدىن سەن ئۆزۈڭ بىر ئىمتىھان ئالساڭ،
    ئېقى قايسى،قارا قايسى تونۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .
     
    چۈشۈمدە «ئۇسسۇلۇق!» دەپسەن،«ئانا» دەپ ئويغىنىپ كەتتىم،
    لېكىن پىيالىدە شەربەت سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .
     
    سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم،ئېگىز شاخلارغا قول سۇنغان،
    بىراق شاختىن ئانار-ئالما،ئۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    ساڭا بەرگەننى ئەرزىيتى،قىرىق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزسەم،
    ساڭا شەربەتنىمۇ ھەتتا سۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    يېشىل ياز كەتتى،قاقىرلار ئەنە قايتىشتى سەپ تارتىپ،
    نېتەي ھەرياز بىرەر قوغۇن تىلىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    سېنىڭ بارىڭدا قەدرىڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن ،ئەمدى
    ساڭا كۆيگەن بۇ باغرىمنى يېرىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-25 1:35:05]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھەممەدجان راشىدىن , سەن يوق ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-25 1:28:05
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 384
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证