كۆزلەر بالاسى
ئەخەت كەلپىن ئىنسانى
كۆزۈڭنىڭ ئىچىگە قارىغانسېرى
دۇنيا مۇشەققىتىگە قالدىم ئەي ئايال!
ئۇندىن قايتىپ چىقماقنى ئىستەپ
تاپالمىدىم ھېچقانداق ئامال...
مۇنداق قارىماسلىقىم كېرەكتى ساڭا
مۇنداق قارىماسلىقىڭ كېرەكتى ماڭا
مۇنداق قاراشتىن بالا تېرىلاتتى...
مەن چىدىيالمىدىم
چىداش زۇلمىتىدە تىتما - تالان بوپ.
ئېيتقىن! بۇ ماڭا نېمە تارتقۇلۇق
مەن ئۆزۈمگە سالدىممۇ قۇلۇپ
چىقىش يولۇمنى ھىم ئېتىپ تۇرۇپ؟!
كۆزۈڭنىڭ ئىچىدە قالدىم قاپسىلىپ،
كۆزۈڭنى يۇمۇقلۇق دېسەم، بۇ يالغان!
يۇمۇقسىز كۆزۈڭدىن چىقىپ كېتەي دەپ
بىر تەلۋە ئاشىقمەن ئىچىگە ماڭغان...