يارىمنىڭ چېچى
يارىمنىڭ ئىككى تال توم، ئۆرۈم چېچى
مۇھەببەت دارىنىڭ ئىككى تۈۋرۈكى.
جان تەسلىم قىلىمەن ئېسىلىپ ئاڭا
قۇش ئالتۇن قەپەسنى چاققان شۇ كۈنى.
ساقلايمەن مىڭ جاننى بىر جان ئىچىدە
ساقلايمەن سۆيگۈمنى ھىجران ئىچىدە.
ئاھ ئۇرۇپ شاھانە ئايۋان ئىچىدە
ساقلايمەن ئەركىمنى زىندان ئىچىدە.
ئاۋازىم مەنزىلنى يۈرىدۇ ئىزدەپ
چۆلدىكى يوقالغان كارۋان ئىچىدە.
قولۇمنى سوزىمەن ھەقكە، رەھىمگە
ئۆزۈمنى ھەريان ئۇرۇپ ئارمان ئىچىدە.
گۈلخاننىڭ ئىچىدە تىترەيمەن يالغۇز،
ساقلايمەن ئىزىمنى بارخان ئىچىدە.
بىر تامچە قېنىمدىن بولۇپ مەن ئۆرە
ساقلايمەن يارىمنى ئىمان ئىچىدە...
ئېسىلىپ ئۆلىمەن سۆيگۈ دارىغا
قۇش ئالتۇن قەپەسنى چاققان شۇ كۈنى.
كېچىسى بوينۇمدا، كۈندۈز ئويۇمدا
يارىمنىڭ ئىككى تال توم، ئۆرۈم چېچى.