تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئىشقنامە(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئىشقنامە(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)

    ئىشقنامە
    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
    (جالالىدىن رۇمىغا)



    1
    سۆيەرمەن، ئۆزۈمدە ئۇنى سۆيەرمەن،
    بار ئۇ ھەر تىنىقىمدا، جان مېنى تەرك ئەتمە.
    ئىزدەرمەن، ھەر نەپەس ئۇندىن جۇدامەن،
    ۋىسال ئىستەرمەن ھىجران مېنى تەرك ئەتمە.
    يەردە تۇپراق ئۇ، كۆكتە قۇياش،
    يەر مېنىڭ تاپىنىمدا تۇر، ئاسمان مېنى تەرك ئەتمە.
    كۆرەرمەن، ھەر ئادەمدە بولۇر ئۇ ئايان.
    مۇھەببەت ئەينىكى  ئىنسان مېنى تەرك ئەتمە.
    كىرەي ۋۇجۇدۇمغا ئۇ ھەم ئۇندىدۇر
    تەن ئىشتىياقى  ھايۋان مېنى تەرك ئەتمە.
    بۇزۇپ قىرغاقلىرىمنى ئاقاي ساڭا
    ئۇ ھەم سەندىدۇر سۇبھان مېنى تەرك ئەتمە...
    يوقالدى دىلدىكى مۇقەددەس گۇمان
    چېكىگە يېتەلمەس ھېچبىر ھاياجان
    ئەي ئۆزىدىن ئۆزىگە قاراپ ماڭغان
    دەقىقىلەردىكى مەڭگۈلۈك كارۋان
    مېنى تەرك ئەتمە!
    2
    گۈل ئېچىلدى، تاڭدا ئۇخلار بۇلبۇلى
    تال يېشىندى سۇدا ئوينار سۇمبۇلى
    ئەر بالاغەت دەشتىدە پىيادىدۇر
    ئىنتىزار، باغلاقتا كىشنەر دۇلدۇلى.
    كۈلپەت مەشرەپ ئوينار ئەس - يادىمدا
    ياڭرار ھەر قەدىمىمدىن ئۇنىڭ مەرغۇلى.
    ئۇ ئاياندۇر زۇۋانسىز رىيازەتلەردە
    زامان مېنى تەرك ئەتمە.
    ئىبادەت پەيتىدە بول ھەرنىغ مۇڭ - زار لازىم ئەمەس
    چاپقىن قېنىڭنى
    شېرىن - سۇخەن ئىزھار لازىم ئەمەس
    ئۇ ھەم ئىبادەتتىن مۇھەببەتكە ئۆتكەن ئادەمدۇر
    چۆكەي گۇناھلىرىمغا، كۆيەي گۈرۈلدەپ
    ئىشق پەرۋىشكارى  شەيتان مېنى تەرك ئەتمە.
    دىلىمدا تاش - چالمىلار لەكمىڭ، گۈل - گۈلزار لازىم ئەمەس
    ئۆلۈپ تىرىلەرمەن كۈندە مىڭ رەت دار لازىم ئەمەس
    مېنىڭ بۇ ئاھۇ - پىغانىمدىن زۇۋانغا كىرسە تاش، بولدى،
    يەرۇ - ئاسماننى سورىغۇغۇچى ئەشئار لازىم ئەمەس.
    مېنىڭ بۇ غېرىبلىقىمنى ئوخشىتار بىر كىم ئالەمگە
    ئوخشىسام ئۆزۈم ئوخشاي بەس، گۇناھكار لازىم ئەمەس...
    سۆيەرمەن ئۇنى، ئۆزۈمدە سۆيەرمەن
    روھ قايىمى  ئىسيان مېنى تەرك ئەتمە!



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت , ئىشقنامە , جالالىدىن رۇمى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-24 21:49:51
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 322
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证